لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قەرز/ بۇرچ — Debt(ئىسىم)--بىراۋنىڭ باشقا بىرسىگە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان قەرز پۇل ياكى مال-مۈلۈكنى، شۇنداقلا مىننەتدارلىق قەرزىنى
- قەرن — ؛(1) مۈڭگۈز؛ (2)ئەسىر (100 يىلغا باراۋەر ) ؛ ئۇزۇن مۇددەت ؛ [بىسيارقەرن --- ئۇزۇن ئەسىرلەر]؛
- قەرى — قېرى ؛ كونا؛ (بۇ يەردەكى «ئا» قىسقا سوزۇق ئوقۇلىدۇ)؛
- قەرىب — يېقىن؛ تۇققان؛
- قەرىن/قەرىنە — يېقىن ، يېقىنلاشقان ، تۇتاشقان ، مۇناسىۋەتلىك ؛ يېقىن دوست ، ئاغىينە . شىرىك ؛ ھەمراھ، جورا؛
- قەرىنراق — يېقىنراق؛
- قەرىنلىغ — يېقىنلىق؛
- قەريە/قەريەت — يېزا ، قىشلاق ، كەنت؛ [ئەھلى قەريە --- يېزىلىقلار ، يېزا خەلقى]؛ [قەريە يولى --- يېزا يولى،چىغىر يول]؛
- قەزا — ؛(1) ھۆكۈم ؛ ۋەقە ، ھادىسە ، تەسادىپ ، تەقدىر ، بېجىرىش ، ئۆتەش ،ئورۇنداش ؛ ئۆلۈم؛ [قەزا بولماق --- ۋاقتىدا بېجىرىلمەي ق
- قەزايا — ؛«قەزىييە»نىڭ كۆپلۈكى : ق . قەزىييە؛
- قەزايى ئاسمانىي — توساتتىن يۈز بەرگەن ۋەقە ؛
- قەزايى مافات — بېجىرىلمەي قالغان ئىشنى بېجىرىش؛
- قەزايى يەزدانىي — ئاللاھتىن كەلگەن ئەجەل ، خۇدا ئەۋەتكەن ئۆلۈم ،ئەجەل (يەزدان -ئاتەشپەرەسلەرنىڭ ئىلاھلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى) ؛
- قەزف — ھۆ قىلىش ، قۇسۇش ، ياندۇرۇش ، قەي قىلىش؛
- قەزىييە — ئىش ، ئەھۋال ، مەسىلە ، ۋەقە ، دەۋا ، دېلو ؛ جۈملە ، گەپ - سۆز؛
- قەسائىد/قەسايىد — ؛«قەسىدە»نىڭ كۆپلۈكى : قەسىدىلەر ، مەدھىيە شېئىرلىرى؛
- قەسەب — قومۇش ، نەي ؛ زەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىگىرىلگەن يىپ ؛ زەرلىك شايى ،زەرلىك بەقەسەم؛
- قەسەبە — شەھەر ، كىچىكرەك شەھەر؛
- قەسەبەچە — كىچىك شەھەر؛
- قەسەبپوش — زەرلىك بەقەسەم كىيگەن ، زەرلىك شايى يېپىنغان؛
- قەسەم — Vow(ئىسىم/پېئىل)--ئىسىم شەكلىدە رەسمىي، چوڭقۇر، ئادەتتە دىنىي ياكى قەلبىي مەنالىق قىلىنغان قەتئىي ۋەدە، قەسەم، ئەھدە؛ پې
- قەسر — ؛(1) ساراي ، ئوردا ، قورغان ؛ كاتتا ئىمارەت ، ھەشەمەتلىك بىنا؛ (2) كالتە ، قىسقا ؛قىسقارتىش ؛ كەملىك ، كەمچىلىك ؛ سەل قا
- قەسسام — تەقسىم قىلغۇچى ، بۆلەكلەرگە بۆلگۈچى ، بۆلۈپ تارقاتقۇچى ؛ قىسىملارغا ئاجرىتىلغان ،ئايرىلغان ، ئايرىۋېتىلگەن؛
- قەسىدە — قەسىيدە ، مەدھىيە شېئىرى؛