لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دائىر/دايىر — دەۋر قىلغۇچى، چۆرگىلىگۈچى، ئايلانغۇچى؛ ئائىت ؛ [ئىلمى ھىسابقا دائىر --- ھېساب ئىلمى ھەققىدە]؛
- دائىرە، كۆلەم — Scope(ئىسىم/پېئىل)--بىرەر ئىش، تەتقىقات، پىلان ياكى ھوقۇقنىڭ قاملايدىغان دائىرەسى، كۆلىمى، چېگراسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ شۇندا
- دائىرە/دايىرە — تۈۋرۈك ، دۈگىلەك ، ھالقا ؛ چەمبەر سىزىق؛ مەيدان ؛ چۆرە ، ئەتراپ، دائىرە ؛
- دائىرە/ساھە/پادىشاھلىق — Realm(ئىسىم)--(1) بىر پادىشاھ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دەۋلەت، پادىشاھلىق، مەملىكەت مەناسىنى بىلدۈرىدۇ (تار
- دائىم/دائىما — دائىم ، داۋامىلىق ، ھەر ۋاقىت ، ھەممە ۋاقىت؛ [دائىمۇلئەۋقات --- ھەردەم ، ھەر زامان ،ھەرقانداق چاغ ]؛
- دائىمىي — دائىملىق ، داۋاملىق بولىدىغان؛
- دائىي — ؛1) چاقىرغۇچى ، دەۋەت قىلغۇچى ، مۇراجىئەت قىلغۇچى ، تەلەپ قىلغۇچى، تىلىگۈچى؛ 2)سەۋەب ، بانا ، مۇددىئا ، ئېھتىياج ، تەلەپ
- دائىيە — مەيل، ئارزۇ ، غايە ، مۇددىئا ؛ سەۋەب ؛
- دائىيەلىق — غايىلىك؛
- دابان — داۋان؛
- داببەتۇلئەرز — مەخلۇقات ، جانىۋارلار؛
- داپ — داپ؛
- داپخۇن — تونۇرنىڭ كۈلىنى ئالىدىغان ۋە تونۇرغا شامال ئۇرۇدىغان ئورۇن.
- داپروس — سوراق؛
- داپشاقلىق تېئورىيەسى — "Thick Black Theory" دېگەن ئاتالغۇ خىتتايچە پەلسەپە ۋە سىياسىي ستراتېگىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئۇقۇم بولۇپ، خىتتاي يازغۇچى
- داپقۇر — قېتىم ، نۆۋەت؛ [داپقۇر - داپقۇر --- بىرنەچچە نۆۋەت،كۆپ قېتىم ؛ تېز - تېز ، ئارقا - ئارقىدىن؛
- داتلىماق — قاقشىماق؛ زارلانماق؛ شىكايەت قىلماق؛
- داج — قاراڭغۇ ، قاراڭغۇلۇق ، ئىنتايىن قاراڭغۇ كېچە؛ [داج ئەيلەمەك --- قاراڭغۇلاشتۇرماق ، ئىنتايىن قاراڭغۇ قىلماق]؛
- داجىماق — ياندا ئۆتۈپ كەتمەك ؛ بۇرۇلۇپ ئۆتۈپ كەتمەك ؛ئارقىغا چېكىنمەك ؛
- داچا — دەم ئېلىش ئورنى.
- داخىل — قاتناشماق ؛ئىشتىراك قىلماق ؛ئىچىدە بولماق
- داخىل — كىرگۈچى ، كىرگەن ؛ قوشۇلغان ، يېتىدىغان ، تېگىدىغان ؛ تېگىشلىك؛ ئىچكى، ئىچكى قىسىمنىڭ؛
- داخىلەن — ئىچىدىن ، ئىچ تەرەپتىن ؛
- داخىلىي — ئىچكى ، ئىچ تەرەپكە مەنسۇپ ، ئىچ تەرەپنىڭ؛ [داخىلىي ئىشلار --- ئىچكى ئىشلار]؛