لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تا — ئىسىملارنىڭ ئالدىدا كېلىپ ئاخىرقى چەكنى بىلدۈرىدىغان ياردەمچى سۆز؛ م : تا بو دەمغەچە --- تاكى مۇشۇ چاغقىچە؛
- تائام — غىزا؛ تاماق؛
- تائەبەد — مەڭگۈ ، ئەبەدىي ، مەڭگۈگە ؛ م : سەۋ مىللەتىڭنى تائەبەد --- مىللىتىڭنى ئەبەدىلئەبەە سۆي؛
- تائەت — تائەت ؛ ئىبادەت ؛ ئىتائەت قىلىش ، بويسۇنۇش . م : تائەت ۋە ئىبادەت --- ئىبادەت ؛
- تائۇن — ۋابا؛ [تائۇن مەرەزى --- ۋابا كېسەللىكى]؛
- تائىب/ تايىب — تۆۋە قىلغۇچى ، تۆۋە قىلغان؛
- تائىپە — قەۋىم؛ قەبىلە؛
- تائىر/ تايىر — قۇش ؛ ئۇچىدىغان؛
- تائىف — چۆرگىلىگۈچى ، ئايلانغۇچى ، تاۋاپ قىلغۇچى ؛ ئايلىنىپ كەزگۈچى، سەپەر قىلغۇچى؛ مەككىگە يېقىن بىر شەھەر، تائىف شەھەرى؛
- تائىفە/ تايىفە — قەبىلە ، خەلق ، گۇرۇھ ، جامائەت ، ئادەملەر توپى؛
- تاب — ؛1) كۈچ ، قۇۋۋەت ، قۇدرەت ، چىدام ، تاقەت ، سەۋر؛ 2)ئېشىلىش ، تولغىنىش ،پۈكلمىنىش؛ چىگىلىش ، بۈدۈرلىنىش؛ [تاب بەرمەك---
- تاب كەلتۈرمەك — بەرداشلىق بەرمەك ، چىدىماق ؛ قىزىقماق ، خالىماق؛
- تابا — تەرەپ ، تامان؛
- تابار — قارىنداش ، تۇغقان ، ئۇرۇق - ئەۋلاد ، ئىرىق ، نەسەب؛ [خىيش تابار --- ئۇرۇق - ئەۋلاد]؛
- تاباق — ؛1) تاياق ، كالتەك ، توقماق؛ 2)تاۋاق ، قاچا؛
- تابان — ؛1) يورۇق ، پارلاق ، پارقىراق ، نۇرلۇق؛ [بەرقى تابان --- نۇرلۇق ، چېقىن ، يورۇتقۇچ چاقماق]؛ [ماھى تابان --- نۇرلۇق ئاي]؛
- تابەدان — ئىشىك ئۈستىدىن ئېچىلغان تۈڭلۈك؛
- تابەكەي — قاچانغىچە ، نەۋاققىچە؛
- تابەندە — پارلاق ، نۇرلۇق ، تاۋلىنىدىغان ، پارقىرايدىغان؛
- تابدان — مەش ، ئوچاق ؛ مورا ؛ تاۋىدان؛
- تابسىز — چىدامسىز ، تاقەتسىز؛
- تابلاماق — تاۋلىماق ، قىزىتماق؛
- تابناك — نۇرلۇق ، پارلاق؛
- تابوقماق — ئۇلۇغلىماق ، بويسۇنماق، چوقۇنماق؛