لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سا — ؛(1)سۆز بىرىكمەسىدە «سۈرتۈلگۈچى ، سۈرتكۈچى ؛ تەگكۈچى ، يەتكۈچى» دېگەندەك مەنالاردا كېلىدۇ؛ [گۈنبەزى دەۋۋارسا --- ئايلانم
- سائادەتمەند — بەختلىك ، تەلەيلىك ، ياخشى ھالەتلىك؛
- سائەت
- سائۇس — Sauce(ئىسىم)--يېمەكلىككە تەم، لەززەت ۋە نەملىك قوشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇق ياكى يېرىم سۇيۇق قويۇق ماددىنى بىلدۈرىدۇ
- سائىب/سايىب — توغرا يۆنىلىشلىك ، نىشانغا توغرا يۆنەلگۈچى؛
- سائىد — بىلەك؛ [سائىد تۇتا ئالماق --- قولغا كىرگۈزۈۋالماق]؛
- سائىر/سايىر — ؛(1) باشقا ، ئۆزگە؛ [سائىر ئەل ، سائىر خەلايىق، سائىر ئەفراد --- باشقا كىشىلەر]؛ (2)يۈرگۈچى ، ماڭغۇچى ، كەزگۈچى ، سەيلە
- سائىقە — چېقىن ، چاقماق ؛ گۈلدۈرماما ؛
- سائىل(سايىل)؛ — تىلەمچى؛ قەلەندەر؛ دىۋانە؛ سورىغۇچى.
- سائىل/سايىل — سورىغۇچى ، سوئال سورىغۇچى ، تىلىگۈچى ، خەيرلىك تىلىگۈچى؛ تىلەمچى ، گاداي ،دىۋانە؛
- سائىلىييەت — خەير - ساخاۋەت تىلەش ؛ تىلەمچىلىك ، گادايلىق ، دىۋانىلىق؛
- سائىم/سايىم — رامىزان تۇتقۇچى؛
- سائىمۇدەھر — يىل بويى رامىزان تۇتقۇچى؛
- سائىي — تىرىشقۇچى ، ئىجتىھات قىلغۇچى ، ھەرىكەت قىلغۇچى ، ئۇرۇنغۇچى؛
- سابات(سابوت)؛ — ؛1)قاتتىق؛قېتىپ قالغان؛پۇختىلىق؛پىششىقلىق؛مەھكەملىك؛مۇستەھكەملىك؛2)قەتئىيلىك؛كەسكىنلىك؛قايتماسلىق؛
- ساباماق — ساۋىماق ، ئۇرماق؛
- ساباھ — تاڭ سەھەر؛ كۈندۈزنىڭ باشلىنىشى؛قۇياش چىققاندىن پاتقانغا قەدەر بولغان ئارىلىق؛
- ساباھەت — ئاق يۈزلۈك؛چېھىر پارلاقلىغى؛گۈزەللىك؛
- سابدىل — قەلبى پاك؛ ئاق نىيەت.
- سابىئ — يەتتىنچى؛ [ئاسمانى سابىئقات --- يەتتىنچى قەۋەت ئاسمان]؛
- سابىت — مۇستەھكەم ، مەزمۇت ، تەۋرىمەس ، ئىسپاتلانغان ؛ تۇرغۇن يۇلتۇز؛ [سابىت بولماق ---ئىسپاتلانماق ، مۇقەررەر بولماق ، ئېنىقلان
- سابىتات — ؛«سابىت»نىڭ كۆپلۈكى : تۇرغۇن يۇلتۇزلار؛
- سابىر — سەۋرىلىك ، تاقەتلىك ، تەمكىن ، سەۋر قىلغۇچى؛
- سابىر(سەبىر)؛ — تاقەتلىك؛قانائەتچان؛سەۋرى قىلغۇچى.