لۇغەتنى كۆرۈش: ۇ
- ئۇ ئاتماق — ئاۋۇندۇرماق ، خاتىرجەم قىلماق؛
- ئۇ ئانماق — ئاۋۇنماق ، تىنچلانماق؛
- ئۇبباد — ؛«ئابىد»نىڭ كۆپلۈكى: ئىبادەت قىلغۇچىلار ، چوقۇنغۇچىلار؛
- ئۇببەھەت — ئەزىمەت ، ئۇلۇغ ؛ شان - شەرەپ ؛ زىننەت؛
- ئۇبراماق — يېرىلماق ، چاك كەتمەك ، دەز چىقما ؛ بۇزۇلماق؛
- ئۇبرۇق - سۇبرۇق — ئالدىراپ تېنەپ ، ئالمان - تالمان؛
- ئۇبۇدىييەت — بەندىلىك ، قۇللۇق ؛ [ئايىنى ئۇبۇدىييەت --- بەندىلىك رەسمى ، قۇللۇق قائىدەسى ، قۇلچىلىق ئادەتى؛
- ئۇبۇر — ئۆتۈش ، ئۆتۈپ كېتىش ، بېسىپ ئۆتۈش؛ [ئۇبۇر ئەيلەمەك --- ئۆتمەك]؛
- ئۇبۇۋۋەت — ئاتىلىق ؛ ئاتىلىق سالاھىيەت؛
- ئۇپرانماق — توزۇپ كەتمەك ، توزماق؛
- ئۇپۇق — ئاسمان بىلەن يەرنىڭ تۇتاشقان جىراسى؛ تۇتاشقاندەك كۆرۈنگەندە ھاسىل بولىدىغان سىزىق؛
- ئۇتارىد — مېركۇرى سەييارەسى ، ئارزۇ يۇلتۇزى (بۇ سەييارىنى كونا ئەدەبىياتتا ئەپسانەلەرگە ئاساسلىنىپ ، پەلەك كاتىپى ، يازغۇچى ۋە شائ
- ئۇترۇ — ئۇدۇل؛ قارشىسى؛
- ئۇتماق — ئۇتماق ؛ يەڭمەك ، غەلىبە قىلماق؛
- ئۇتوپىك — Utopian(سۈپەت)--مۇكەممەل، ئىدىياللىق، ئادالەت ۋە بەخت-سائادەتكە تولغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانسىز ياكى
- ئۇجب — مەنمەنلىك ، شۆھرەتپەرەسلىك ، مەغرۇرلۇق ؛ ساختىپەزلىك ، يالغان مېھرىبانلىق؛ ئاغزى ھەسەل ، ئىچى زەھەرلىك؛
- ئۇجرەت/ئۇجرە — ئىش ھەققى ؛ ئىجارە ھەققى؛
- ئۇجۇر — ؛«ئەجىر»نىڭ كۆپلۈكى : ئەجىرلەر ، ئىش ھەققىلىرى ؛ مۇكاپاتلار؛
- ئۇچ — چېگرا؛
- ئۇچا/ئۇچە — دۈمبە ، ئۆشنە ؛ تايانچ ، ھامىيلىق؛
- ئۇچار — بازار؛
- ئۇچان — كېمە ، چوڭ كېمە؛
- ئۇچرۇ،ئۇچۇر — ھازىرقى ۋاقىت ، ۋاقىت ، يېقىنقى ۋاقىت؛ [بۇئۇچرۇدا --- ھازىرقى ، بۈگۈنكى كۈندە ، تېخى يېقىندا؛
- ئۇچرىشىش، كۆرۈشۈش — Meet(ئىسىم/پېئىل)--ئاساسەن بەش تۈرلۈك مەنانى بىلدۈرىدۇ. پېئىل بولۇپ ئىشلەتكەندە: (1) بىراۋ بىلەن ئۇچرىشىش، كۆرۈشۈش؛ (2)