لۇغەتنى كۆرۈش: ۇ
- ئۇچقالاماق — ئىچ ئاغرىتماق ، ئېچىنماق؛
- ئۇچقالانماق — ياخشى مۇئامىلە قىلماق ، ياخشىلىق قىلماق؛
- ئۇچقان — قۇش ، ئۇچار قانات؛
- ئۇچقۇ — ئۇچقۇر ، ئۇچار ، ئۇچۇپ كېتىدىغان ، ئۇچىدىغان؛
- ئۇچلاماق — تۇتماق؛
- ئۇچماق — ؛(1) جەننەت؛ (2) ئۇچماق، ئۆرلىمەك ؛ ھاۋالانماق ، ھەۋەسلەنمەك ؛ كىبىرلەنمەك ، مەغرۇرلانماق؛ (3) تىك يار ، چوڭقۇر ھاڭ؛
- ئۇچمە — تىك يار ، چوڭقۇر ھاڭ، خەۋەر ؛ ئۈجمە؛
- ئۇچۇر تېخنىكاسى — IT(قىسقارتما، ئىسىم)--"Information Technology" نىڭ قىسقارتماسى بولۇپ، ئۇچۇر تېخنىكاسى، يەنى كومپيۇتېر، پىروگرامما، تور،
- ئۇچۇز — ئەرزان ؛ پەس ، خار ، ئاسان ، ئوڭاي؛
- ئۇچۇزلاتماق — ئەرزانلاتماق ، خار قىلماق؛
- ئۇچۇزلانماق — ئەرزانلىماق ؛ خارلانماق؛
- ئۇچۇزلىق — ئەرزانلىق . خارلىق؛
- ئۇچۇق — ئۇچۇش ، ئۇچقان ھالەت ؛ قۇش ، ئۇچار قانات؛
- ئۇچۇقلاماق — كۆيجىمەك ؛ ئىسسىقلىق ئۆرلىمەك، (كالپۇك ) يېرىلماق؛
- ئۇخت — سىڭىل ياكى ئاچا ، ھەمشىرە ؛
- ئۇخرەۋىي — ئۇ دۇنياغا خاس ؛ ئاخىرەتلىك ؛ ئۆلگەندىن كېيىن بولىدىغان؛
- ئۇخۇۋۋەت — قارىنداشلىق ، بۇرادەرلىك؛ [ ئۇخۇۋۋەت ئومۇمىييە --- پۈتۈن خەلق گويا قارىنداش بولۇش]؛ [ئۇخۇۋۋەت دىنىييە --- دىنىي قارىنداش
- ئۇد — ؛(1) ئۇي ، كالا ؛ [ئۇد يىلى --- كالا يىلى]؛ (2) ئوتقا سالسا خۇش پۇراق چاچىدىغان بىر خىل ياغاچ؛ [ئۇد سوز --- ئۇد ياغىچىنى
- ئۇدارنىك — ؛(1) مىلتىقنىڭ تەپكىسى؛ 2) زەربىدار؛
- ئۇدەبائ — ؛«ئەدىب» نىڭ كۆپلۈكى : ئەدىبلەر؛
- ئۇدسوز — ئۇد ياغىچىنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرگۈچى؛
- ئۇدۇز — قوتۇر؛
- ئۇدۇل — ؛(1) «ئەدل»نىڭ كۆپلۈكى : ئادالەتلەر ، باراۋەرلىكلەر ؛ تۈز ، ئۇدۇل؛ (2)يولدىن چىقىش؛ قايتىش ، چېكىنىش؛
- ئۇدۋان — دۈشمەنلىك ، خۇسۇمەت ؛ زۇلۇم ؛ ھەققانىيەتسىزلىك؛