لۇغەتنى كۆرۈش: ۋ
- ۋائىز — ۋەز ئېيتقۇچى ، ۋايىز ، پەندى - نەسىھەت قىلغۇچى؛
- ۋائىزا — ئەي ۋايىز ، ھەي نەسىھەتچى؛
- ۋائىن — سۆزلەگۈچى؛ مەددا؛ نەسىھەتچى؛
- ۋابا — بىر مەلۇم رايوندا ياكى جەمئىيەتتە تېز تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ. چېچەك كېسەلى تارىختا كۆپ قېتىم ۋابا شە
- ۋابا/ئوبا كېسەلى — ۋابا كېسەلى (Yersinia pestis) باكتېرىيەسى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە چاشقانلار ۋە بۇرغىل
- ۋابەستە/ۋابەست — باغلىق ، باغلىنىشلىق ، ئالاقىدار؛ [ۋابەستە بولماق --- باغلىنىشلىق بولماق]؛ [ۋابەستە قىلماق --- قوشۇپ باغلىماق]؛
- ۋابەستەئى تەۋفىق — مۇۋەپپەقىيەتكە باغلىق؛
- ۋاپا — سۆزدە تۇرماقلىق؛ ۋەدەسىنى ئىشقا ئاشۇرماق؛ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇش؛
- ۋاپەس — ئارقىدا ، كەينىدە ، تۆۋەندە ، قايتىدىن ، يەنە بىر نۆۋەتتە يېڭىباشتىن؛
- ۋاتىكان — "The Vatican City State" (ئۇيغۇرچە: ۋاتىكان شەھەر دەۋلەتى) دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مۇستەقىل دەۋلەت بولۇپ، ئىتالىيەنىڭ رىم شە
- ۋاجرا
- ۋاجىب — بېجىرىلىشى مەجبۇرىي ياكى زۆرۈر بولغان نەرسە ۋە ھال؛ لازىم ،شەرت؛
- ۋاجىبات — ؛«ۋاجىب»نىڭ كۆپلۈكى: بۇرچلار ، باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپەلەر؛
- ۋاجىبۇلئىتتىبائ — بويسۇنۇش ، ئىتائەت قىلىش لازىم بولغان؛
- ۋاجىبۇلئىجتىناب — قېچىش ، يىراقلىشىش زۆرۈر بولغان؛
- ۋاجىبۇلئىزئان — ئىتائەت قىلىش شەرت بولغان بۇيرۇق ؛ قارشىلىق قىلىشقا بولمايدىغان ئىش؛
- ۋاجىبۇلئىمتىسال — بويسۇنۇش مەجبۇرىي بولغان؛
- ۋاجىبۇلئىھتىرام — ھۆرمەتلەش لازىم بولغان ؛
- ۋاجىبىل ۋۇجۇد — خۇدا؛
- ۋاجىپ — تەقدىرنىڭ ئەمرى؛ ئىلام شەرىئىتى بۇيرۇغان زۆرۈر ئىش؛
- ۋاجىد — ئىختىرا قىلغۇچى ، ئىجاد قىلغۇچى ، ياراتقۇچى ، ۋۇجۇتقا چىقارغۇچى؛
- ۋاجىدۇماجىد — ياراتقۇچى ھەم شەرەپ ئىگەسى (ئاللاھ)؛
- ۋادا — دەريا بويلاپ كەتكەن تۈزلەڭ يەر؛ دەريا ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى ئېقىپ ئۆتىدىغان ھەممە يەرلەر؛ئىككى تاغ ئاراسىدىكى تۈزلەڭ يەر؛
- ۋادە — نەسەپ ، ئۇرۇغ ؛ بىرەر نەرسەنىڭ ئەسلى؛