لۇغەتنى كۆرۈش: ئا
- ئاب — سۇ ، سۇيۇقلۇق ، شىرنە ، مېۋە سۈيى ؛ شۆلگەي ، مەنى؛
- ئابا — «ئاب»نىڭ كۆپلۈكى:ئاتىلار ؛ مەسىلەن: ئابا ئەجدادى -ئەجدادلارغا خاس ، قەدىمىكى ،ئەنئەنەۋى، ئاتا - بوۋىلاردىن قالغان؛
- ئاباد — ئاۋات، تەرەققىي تاپقان،گۈللەنگەن؛ ئاھالەسى كۆپ؛
- ئابادان — ئاۋات ، پاراۋان ؛ ئوبدان ، ياخشى؛ ئابادان نەۋكەر:ۋەزىپەلەرنى ياخشى ئادا قىلىدىغان خادىم؛
- ئابادگەر — ئاۋات قىلغۇچى ؛ ئاۋاتلىق ئىزدىگۈچى ؛ ياخشىلىق كۈتكۈچى؛
- ئاباغا/ ئاباغە — تاغا ، ئاتىنىڭ ئاكىسى ياكى ئىنىسى؛
- ئاباڭ — ئەگەر ، مۇبادا
- ئاباماق — مەنئى قىلماق ، ئەتكەس قىلماق ؛
- ئاباۋۇ ئەجداد — ئاتا - بوۋىلار ، ئەجدادلار ؛
- ئاببەستە — مۇز ؛ مۆلدۈر؛
- ئاببەند — تۇغان؛
- ئابپاش — سۇ سەپكۈچ ، سۇ سەپكۈچى؛
- ئابتيىك — دورىخانا؛ دورا سېتىش دۇكىنى؛
- ئابخاز(ئابخازلار) — ئەزەربەيجان رېسپۇبلىكىسىنىڭ ئاساسىي ئاھالەسى، ئابخاز خەلق
- ئابخور — سۇ مەنبەسى، بۇلاق ، قۇدۇق ؛2) نېسىۋە ، قىسمەت ؛
- ئابخورەكىشتى — قەدەھ ، جام؛
- ئابخورد — سۇ ئىچىدىغان جاي ، سۇ ئېلىنىدىغان جاي؛
- ئابخورىش — سۇ ئىچىلىدىغان جاي ، سۇ ئېلىنىمىغان جاي؛
- ئابد — ئىنسان ؛ بەندە؛
- ئابدار — سۇلۇق ؛ سۇيۇق ؛ ئېنىق ، پاساھەتلىك ، ئۆتكۈر مەنالىق ؛ پارقىراق؛
- ئابدال — 1)قەلەندەر، دىۋانە، تىلەمچى. 2) يۇرت كېزىپ يۈرۈيدىغان دەرۋىشلەرگە بېرىلگەن نام.
- ئابدان — ئابادان؛ مىسال:ئابدان كاغەز: ياخشى سورتلۇق قەغەز ، تىنىق قەغەز ، ياخشى قەغەز؛
- ئابدەست — تەرەت ئېلىش؛
- ئابدۇ مۆئمىن ئابد — ئىمانلىق ئىنسان؛