لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- ئنقىسام — بۆلۈنۈش ، تەقسىملىنىش؛
- نا — سۆزلەرنىڭ ئالدىغا قوشۇلۇپ ئىنكار قىلىش مەناسىنى بىلدۈرىدۇ ؛ [ نائۈمىد --- ئۈمىدسىز]؛ [نامەئلۇم --- مەلۇم ئەمەس]؛
- نا پەيدا — كۆرۈنمەس؛
- نا پۇختا — پىشمىغان ، خام ؛ كۆچمە مەناسى: تەجرىبەسىز ؛ يەڭگىللىك بىلەن ئىش قىلىدىغان؛ [ئادەمى ناپۇختا --- خام ئادەم ، تەجرىبەسىز ئا
- نا تەمام — تاماملانمىغان ، ئورۇنلانمىغان ، تۈگىمىگەن؛ [ماھى ناتەمام --- تولمىغان ئاي]؛
- نا تەنۇمەند — كۈچسىز ؛ ساقسىز ، كېسەل ، ئۇرۇق؛
- نا تەۋانلىغ — كۈچسىزلىك، پەمسىزلىك، ئېپى يوقلۇق؛ تاقەتسىزلىك؛ كېسەللىك؛
- نا جىنس — يامان ، ئەسكى ، پەس ؛ باشقا جىنستىكى ، باشقا تۈردىكى ،جىنىسداش ئەمەس؛
- نائاباد — بوز يەر ، ئېچىلمىغان يەر ؛ تەرەققىي قىلمىغان؛
- نائەھل — مەلۇم ئىشقا ئالاقىسى بولمىغان ، ئۆز ئەھلى ئەمەس؛
- نائەھلى — ئەھلى بولالمىغان؛ لاياقەتسىز؛
- نائىئتىمادلىغ — ئىشەنچسىزلىك ، ئېتىبارسىزلىق؛
- نائىب — ئورۇنباسار؛
- نائىب،نايىت — ئورۇنباسار ، باشلىق يوق چاغدا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچى ، كاتىپ ،ۋەكىل ، ئاگنىت ؛ ياردەمچى؛
- نائىبە — مۇسىبەت ، قايغۇ؛
- نائىل — قولغا كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولغان ئادەم ، ئېرىشكۈچى ، قولغا كەلتۈرگۈچى؛
- نائىم،نايىم — ئۇخلاۋاتقان ، ئۇخلىغۇچى؛ [نائىم بولماق --- ئۇخلىماق]؛
- ناب — تازا ، تىنىق ، ساپ؛ [دۇررى ناب --- ساپ دۇر ، تازا مەرۋايىت؛ (كۆچمە مەناسى)قىممەتلىك سۆز]؛ [مەيى ناب، شەرابى ناب --- تازا
- ناباپ — نامۇۋاپىق؛نالايىق؛ باپ ئەمەس؛
- ناباك — قورقماس ، پالۋان ، باتۇر؛
- نابالىغ — بالاغەتكە يەتمىگەن ، ۋايىغا يەتمىگەن؛
- نابايىستە — كېرەكسىز ، قىلىنىشى لازىم بولمىغان (ئىش)؛
- نابەجا — رەسىم - قائىدەگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ؛ ئورۇنسىز؛
- نابەختىيار — بەختسىز؛