لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نابۇت — يوق بولماق؛ بۇزۇلماق؛ مەژجۇت بولمىغان؛
- نابۇد — يوق قىلىنغان ، گۇمران بولغان ، يوقالغان؛ [نابۇدۇبۇد --- بارى- يوق]؛
- ناپاك — پاسكىنا؛ [ئابى ناپاك --- پاسكىنا سۇ . بۇلغانغان سۇ]؛ [زەرى ناپاك --- ساپ بولمىغان ئالتۇن ، ئارىلاشما ئالتۇن]؛
- ناپايدار — ۋاقىتلىق ، ئۆتكۈنچى ؛ ئۆمرى كوتا ، ئۇزۇنغا بارمايدىغان ؛ ئۇلى ئاجىز؛
- ناپەدىد — كۆرۈنمەيدىغان ، كۆرۈنمەس ، مەخپىي ، ئېنىقسىز ، تايىنىسىز؛
- ناپەدىدار — كۆرۈنمەيدىغان ، سېزىلمەيدىغان ؛ نامى چىقمىغان؛ [ناپەدىدار ئەيلەمەك --- يوشۇرۇپ قويماق ، كۆرۈنمەيدىغان قىلماق]؛
- ناپەرۋا — بىپەرۋا ، كارى يوق ، قارىماس ، قارىمايدىغان؛
- ناپەسەند — لاياقەتسىز ، يارىماس ، يېقىمسىز ، ئۆلچەمگە لايىق كەلمەيدىغان؛ خاپا بولغان ، قايغۇلۇق؛ (ناپەسەند = نا پىسەندىدە ، ناپەسەن
- ناتەۋان — كۈچسىز ، زەئىپ ، پەمسىز ، شۇدىسىز ، ئەپچىل ئەمەس؛ تاقەتسىز؛كېسەل ، بىتاپ؛
- ناتەۋانا — كۈچسىز ، قۇۋۋەتسىز ، قۇدرەتسىز؛
- ناتەۋانۇ ئەلىل — كۈچسىز ھەم بىمار؛
- ناتسېست — نېمىس فاشىستلىرى؛ گېتلېرچىلار؛
- ناتىق — سۆزلەگۈچى ؛ نۇتۇق سۆزلەگۈچى ؛ سۆزمەن ، باياناتچى؛
- ناتىقە — ؛«ناتىق»نىڭ ئايال سىغا شەكلى؛ سۆز قابىلىيەتى ؛ سۆزمەنلىك؛
- ناتىۋان — بوش؛ ئاجىز؛ كۈچسىز؛ بىچارە؛
- ناچاننىك — باشلىق؛
- ناچىز — ئەرزىمەس ، قەدىر - قىممەتى يوق ؛ پەسكەش؛
- ناخاھ — خالىمىغان ھالدا ، مەجبۇرەن ، نارازى؛ [خاھ ناخاھ --- ئىستەر -ئىستىمەس ، خايناخا(قۇمۇل شىۋىسىدە) ، خۇشياقمىغان ھالدا ، خال
- ناخەلەف — ئاتا - بوۋىسىغا ئوخشىمايدىغان ، ئاتا - ئاناسىنىڭ ياخشى خىشلەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلمىغان، مۇناپىق؛
- ناخشا
- ناخۇش — يېقىمسىز ، يامان ، كەيپى قاچقان ، خارامۇش ، شاد ئەمەس ، خاپا؛
- ناخۇل — تەمبۇر چېلىشتا بارماققا كىيىۋالىدىغان پولات سىم؛
- ناخۇنە — كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسەلى؛
- ناخىرەد مەند — ساراڭ ، ئەقلىدىن ئازغان ؛ ئەقىلسىز ، ئەخمەق ، دۆت؛