لۇغەتنى كۆرۈش: ۈ
- ئۈتمەك — كۆيدۈرمەك ، ئۈتلىمەك ؛
- ئۈجۈر- بۈجۈر — ئۇششاق- چۈششەك؛ ئەتراپلىق؛ تەلتۆكۈس؛بىر قاراشتا بىلىنمەيدىغان؛
- ئۈچەر — ئۈچتىن ، ئۈچلەپ؛
- ئۈچەگۈ،ئۈچەۋ — ئۈچەيلەن ، ئۈچى؛ (ئۈچەگۈ = ئۈچەۋ، ئۈچەۋلەن)؛
- ئۈچەي — ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛
- ئۈچتاش — ئۈرۈمچى شەھەرىدىكى بىر مەھەللە(ئورۇن)نىڭ ئىسمى؛ يەر-جاي ناملىرى؛
- ئۈچقات — Honeysuckle (ئىسىم) — ھانىمېلىگۈللەر (Caprifoliaceae) ئائىلىسىگە مەنسۇپ، ئورالما غوللۇق دائىم يېشىل ياكى يېرىم يېشىل ئۆس
- ئۈچلەنچى — ئۈچىنچى؛
- ئۈرپەش — ھۈرپىيىش ، ئاچچىقى كېلىش ، غەزەپلىنىش؛
- ئۈركە — ئۇرچۇق ؛
- ئۈركەچ — ئۇزاق ، ئۇزۇن ، ئۇزۇن ۋاقىت؛
- ئۈركەك — قورقۇنچاق ، ئۈركىگەك؛
- ئۈركمەك/ئۈركۈلمەك — قورقماق ، چۆچىمەك ، ئۈركىمەك؛
- ئۈركۈ — قورقۇنچ؛
- ئۈركۈدەمەك/ئۈرگۈدەمەك — كۆز ئۇيقۇغا كەتمەك ، ئۇيقۇ باسماق، مۈگدىمەك؛
- ئۈركۈلمەك — ئايلانماق؛
- ئۈركۈنچ — ئۈركۈش ، ئۈركىگەن ھالەت ، سەراسىمە ؛
- ئۈرگە — خانا ، ئۆي، چېدىر؛ئۈكەر؛
- ئۈرگەسۈن — تىكەن؛
- ئۈرگۈمەك — ئۈگدىمەك ، ئۇخلىماق؛
- ئۈرگۈن — توپىلاڭ ، ئىسيان ، قوزغىلاڭ؛
- ئۈرمەك — ھۈرمەك ، ھۇۋلىماق ، قاۋىماق؛
- ئۈرولوگىيە — Urology(ئىسىم)--ئەر-ئايالنىڭ سۈدۈك سىستېماسى (بۆرەك، سۈدۈك پۈتۈكچەسى، سۈدۈك قاپى) ۋە ئەرلەرنىڭ جىنسىي سىستېماسىنىڭ كېسەل
- ئۈرۈمچى — Urumqi (ئۈرۈمچى)--شەرقىي تۈركىستاننىڭ(East Turkestan) پايتەختى بولۇپ، تارىم ۋادىسى شىمال تەرەپىدە، تەڭرىتاغ قاتلامىنىڭ ش