لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شائىبە — پاسكىنا ، ئىپلاسلىق ، نۇقسان ، كەمچىلىك؛
- شائىر — شېئىر يازغۇچى ، ھېسسىياتلىق ئىنسان؛ ھېس قىلغان ، سەزگەن؛
- شائىرانە — شائىرلارغا خاس ، شائىرلاردەك ، شائىرلارغا مۇناسىپ؛
- شائىرە — ئايال شائىر؛
- شاباش — ئاپىرىن ، بەللى ، يارايسەن ، ياش !
- شابب — ياش يىگىت ، نەۋقىران؛
- شاپائەت — شەپقەت؛ رەھىم.
- شاپتۇل — مىۋە تۈرى؛
- شاپتۇللۇق — ئۈرۈمچى شەھەرىدىكى بىر مەھەللە(ئورۇن)نىڭ ئىسمى؛ يەر-جاي ناملىرى؛
- شاپىلاق/كاچاتلىماق — Slap(ئىسىم/پېئىل)-- ئوچۇق قول بىلەن بىرسىنى ياكى بىر نەرسەنى كۈچلۈك ۋە تېز ئۇرۇش ھەرىكەتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەتتە قول ئا
- شاتۇ — شوتا؛
- شاتۇر — چاققان؛ شامالدەك ئىتتىك ماڭىدىغان ئادەم؛ يەل تاپان ئادەم.
- شاتۇۋار — گۈل بېسىلغان ماتا.
- شاتىر — جىلاۋدار ، ئات يېتىلىگۈچى ، ھۆكۈمدار مىنگەن ئاتنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان چاققان كىيىملىك خىزمەتكار ، چاپارمەن؛
- شاخ — مۈڭگۈز ؛ شاخ ؛ تارماق؛
- شاخاب — تارماق ئېقىن؛
- شاخە — شاخ ، شاخچە؛
- شاخسار — كۆپ . شاخلىق ، باراقسان ، بۈك - باراقسان، دەرەخزار ، بوستانلىق؛
- شاخسارى خۇلد — جەننەت بېغى؛
- شاخى شەكەر — شېكەر قۇمۇش؛
- شاداب — توق ، قانغان ، سۇلۇق ، سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان؛
- شادابلىغ — سۈيى كۆپلۈك ، قانغانلىق؛
- شادان — شادلىق بىلەن، سۆيۈنۈپ؛
- شادكام — شاد ، خۇرسەن ، خۇشال؛