لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھا — ؛(1) ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى «ھ» ھەرپىنىڭ نامى؛ (2) بىركىم چاقىرغاندا جاۋابەن ئېيتىلىدىغان ئۈندەش سۆز : ھە ؛
- ھائ — ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى «ح» ھەرپىنىڭ نامى ؛
- ھائىل،ھايىل — ؛(1) توساق ، پاسىل؛ (2) قورقۇنچلۇق ، دەھشەتلىك ؛ تېررورلۇق ؛ تىراگېدىيەلىك ؛ قالتىس يوغان ؛ گىگانت؛
- ھاپىز — بادتا ئوقۇغاچى؛ ياد ساخلىغان كىشى.
- ھاتىف — غايىبتىن نىدا قىلغۇچى ، غايىبانە ئاۋاز بىلەن چاقىرغۇچى ؛ تاۋۇش چىقارغۇچى ، ئاۋاز بەرگۈچى؛ تېلېفون؛
- ھاجات — ؛«ھاجەت»نىڭ كۆپلۈكى : ھاجەتلەر ، ئېھتىياجلار؛
- ھاجەت — ھاجەت ، زۆرۈرىيەت ، كېرەكلىك ، ئېھتىياج ، تەلەپ ، ئارزۇ ؛
- ھاجەتمەند — ھاجەتمەن ، مۇھتاج ، ئېھتىياجلىق؛
- ھاجىب — ؛(1) ئارىچى ، ۋاكالەتچى ؛ مەسلىھەتچى ؛ دەرۋازىۋەن ، ئىشىك باققۇچى ،پاسىبان؛ [ھاجىبۇلھۇججاب --- دەرۋازىۋەنلەر باشلىقى]؛ (
- ھاجىر — ھىجرەت قىلغان ، ئايرىلغان ، ئايرىلىپ كەتكەن؛
- ھاجىي — ھاجى ، ھەج قىلغان ئادەم؛
- ھادس — يېڭى پەيدا بولغان، ئەمدىلا مەيدانغا چىققان ؛ ۋەقە ، ھادىسە ؛ [ھادس ئولماق --- پەيدا بولماق ،مەيدانغا چىقماق]؛
- ھادىسات — ؛«ھادىس» بىلەن «ھادىسە»نىڭ كۆپلۈكى : ھادىسىلەر ،ۋەقەلەر ، ئۆزگىرىشلەر؛ [ھادىساتى روزگار --- تۇرمۇش ھادىسىلىرى]؛
- ھادىسە/پائالىيەت — Event(ئىسىم)--يۈز بەرگەن ياكى پىلانلاشتۇرۇلغان مۇھىم ھادىسە، ۋەقە، پائالىيەت، مۇسابىقە قاتارلىق مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. بۇ
- ھادىم — بۇزغۇنچى ، ئۇرۇپ چاققۇچى ، ۋەيران قىلغۇچى؛
- ھادىي — توغرا يول كۆرسەتكۈچى ، يول باشلىغۇچى ، يېتەكچى؛ [ھادىي كامىل --- ماھارەتلىك يول باشلىغۇچى ، تەجرىبەلىك رەھبەر]؛
- ھارر،ھاررە — ئىسسىق؛ [ھاررى يابس --- قۇرغاق ئىسسىق ، قۇرۇق ئىسسىق]؛
- ھارۇت — دىنىي رىۋايەت بويىچە ، يەر يۈزىگە ھەيدەپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئىككى پەرىشتىنىڭ بىرسى. (يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى مارۇت ) ؛
- ھارۇن — مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئاكىسىنىڭ ئىسمى ؛ ق . ھارۇنۇر رەشىد؛
- ھارۇنۇررەشىد — مىلادىيە 808-765 - يىللاردا ياشىغان باغداد خەلىپەسى؛
- ھارىس — يەر تېرىغۇچى ، دېھقان ؛ يەر ھەيدىگۈچى ، قوشچى؛
- ھازا — مۇسىبەت؛ ماتەم؛ قارىلىق.
- ھازىر — تەييار؛ [ھازىر باش --- ھازىر ]؛ [بول ھازىر --- ھوشيار بول]؛
- ھازىر جاۋاپ — تېز ۋە ئۆزجايىدا جاۋاپ بېرىش.