لۇغەتنى كۆرۈش: د
- داد — ئادىللىق ياكى ياردەم تەلەپ قىلىپ ۋارقىرىغاندا ئېيتىلىدىغان سۆز ؛ ئادالەت ،ھەققانىيەت؛ [داد ئەيلەمەك --- ئادىللىق كۆرسەتم
- داد خاھلىغ — ئادالەت تەلەپ قىلىش ، ئادىللىق ئىزدەش ، «داد !» دەپ ئەرزگە كېلىش؛
- دادا/ئاتا
- دادەك — دېرەك؛
- دادەن — ھەجىم ئۆلچەم بىرلىكى بۇلۇپ ،10 كۈرە بىر دادەنگە تەڭ .
- دادخاھ — ئادالەت تەلەپ قىلغۇچى ، ئادالەت ئىزدىگۈچى ، ئەرز قىلغۇچى ، شىكايەت قىلغۇچى؛
- دادگەر/داد گۇستەر — كىشىلەرنىڭ دادىغا يەتكۈچى ، ئەرزىنى ئاڭلىغۇچى؛ ئادالەتپەرۋەر ، ئادىل؛ [دادگەرى مۈلكى پەناھ --- ئادىل پادىشاھ]؛
- دادىللىق — Boldness(ئىسىم)--خەتەر، قىيىنچىلىق ياكى قارشىلىققا قارىماي، ئىشەنچ ۋە جۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئۆز پىكرىنى ئاشكارە ئىپاد
- دار — ؛«ئا» ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش تەلەپپۇز قىلىنىدۇ: ھويلا، ئۆي ، جاي ؛
- دارا — ئىگە ، خوجايىن ، ساھىب ، پادىشاھ ، شاھ ؛
- دارائى — كەڭ سىزىقچا چۇشۇرۇلگەن يەكتەك كىيىلىدىغان رەخت.
- دارائى دەۋر — دەۋر پادىشاھى؛
- دارائى زەمان — زامان پادىشاھى؛
- دارائى كىشۋەر — مەملىكەت پادىشاھى؛
- دارائى ھەشەم — خوجايىن، ئىگە ، پادىشاھ؛
- دارازا — ئىگىز بويلۇق؛ ئىگىز.
- دارافەر — پادىشاھدەك شەۋكەتلىك؛
- دارايى — يىپەكتىن يۇپقا ، نېپىز قىلىپ توقۇلغان بىر خىل رەخت ، يىپەك مال؛ [دارايى ماۋى --- ھاۋا رەڭلىك دارايى]؛
- دارەندە — ئىگە ، ساھىب ، خوجايىن ، ئىگىلىك قىلغۇچى ، باي ، مۈلۈكدار؛
- دارەين — ئىككى ئالەم ، يەنى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەت؛
- دارغۇ — شەھەر باشلىقى.
- دارو — دورا؛ [ھۇش دارو --- بىھۇش ئادەمنى ھوشىغا كەلتۈرىدىغان دورا ]؛
- دارولئەنا — قىيىنچىلىق ۋە مۈشكۈللۈك ئۆيى؛
- دارۇتتەلەف — يوقۇلۇش ئۆيى (ئەپسانەلەردە ئېيتىلىشىچە ، بۇ ئۆيگە كىرگەن كىشى يوق بولۇپ كېتەرمىش) ؛