لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دارۇسسەلام — تىنچلىق يۇرتى ، سالامەتلىك ئۆيى ، باغداد شەھەرىنىڭ يەنە بىر نامى؛ ئەرەبىستاندىكى بىر جاينىڭ نامى ؛ جەننەت؛
- دارۇسسەلتەنە — پايتەخت ، پادىشاھ تۇرىدىغان جاي؛
- دارۇسسەلخ — قۇشخانا؛
- دارۇسسۇرۇر — شادلىق ئۆيى ؛ كۆچمە مەناسى: ئۇ دۇنيا ، جەننەت ؛
- دارۇششىفائ — شىپاخانا ، داۋالاش يۇرتى ، داۋالىنىدىغان ۋە تېببىي ئىلىم ئۆگىتىلىدىغان ئورۇن؛
- دارۇغە — دورغا ، ۋالىي ، ھەربىي ۋالىي ، مەلۇم بىر رايوننى ئىدارە قىلغۇچى ئەمەلدار ، باشلىق ؛
- دارۇغەنىشىن — مەلۇم بىر رايوننىڭ دورغىسى تۇرىدىغان جاي ، مەركەز؛
- دارۇگىر — جەڭ ، ئۇرۇش ، كۈرەش ، توقۇنۇش ، ئىسيان؛
- دارۇلئاخىرە — ئۇ دۇنيا ؛
- دارۇلئەمان — تىنچ ماكان ، تىنچلىق يۇرتى؛
- دارۇلبەقائ — ئەبەدىيلىك يۇرتى ؛ ئۇ دۇنيا ، جەننەت؛
- دارۇلغۇرۇر — مەغرۇرلۇق ئۆيى ؛ كۆچمە مەناسى: دۇنيا ، ئالەم ؛
- دارۇلفەنائ — گۇمران بولىدىغان جاي ، ئۆتكۈنچى دۇنيا ؛ كۆچمە مەناسى: بۇ دۇنيا؛
- دارۇلقەزائ — قازىخانا ؛ كۆچمە مەناسى: قىيامەت؛
- دارۇلقۇرب — ئۆز يۇرت ، دائىمىي تۇرۇشلۇق جاي ؛
- دارۇلقىساس — قىساس ئۆيى ، ئۆچ ئالىدىغان جاي؛
- دارۇلھەرب — جەڭ مەيدانى ، ئالدىنقى سەپ؛
- دارۇلھەففاز — قارىخانا ، يادلاش ئۆيى؛
- دارۇلھەۋادىس — ھادىسىلەر ئۆيى ، ئالەم ، بۇ دۇنيا ؛
- دارۋېنىزىم — جانلىق تەبئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى-ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋان تۈرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم تەبىي تاللىنىش يولى بىلەن راۋاجلىنىش توغ
- دارىبە — Coup(ئىسىم)--قىسقا شەكلى "coup d'état" بولۇپ، ھاكىم ھۆكۈمەتنى زورلۇق ياكى غەيرى قانۇنىي ھالدا ئاغدۇرۇش ۋە ھاكىمىيەتنى قو
- دارىلئاجىزىن — ئاقساق - چولاق ۋە باققۇچىسى يوق ئاجىزلارنى دەۋلەت ھېساۋىغا باقىدىغان خەيرىيەت ئورنى.
- دارىلئەيتام(دارىلتام)؛ — ئىگە - چاقىسىز يىتىم بالالارغا ئىگەدارچىلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ھېساۋىغا تەربىيلەيدىغان ئورۇن ياكى مەكتەپ.
- دارىلباقا — ئەبىدى دۇنيا؛ ئاخىرەت.