لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دارىلپەنا — بۇ دۇنيا.
- دارىلپۇنۇن — ئىلىم - پەن ئورنى؛ ئالى مەكتەپ.
- دارىلقارار — ئارام تاپىدىغان جاي.
- دارىلقازا — تەقدىرنىڭ تۇرۇشلۇق جايى.
- دارىلماق — قورقماق ، قورقۇنچ ھېس قىلماق؛
- دارىماق — مەيدانغا كەلمەك ، پەيدا بولماق ، يۈز بەرمەك، ۋۇجۇقا كەلمەك ؛ يولۇقماق، دۇچار بولماق؛
- داس — ئورغاق؛ [مىھنەت داسى --- مۇشەققەت ئورغىقى ، قىيناق،ئازاب ئوقۇبەت]؛
- داستان — نەزم ياكى نەسىر شەكلىدە يېزىلغان ئۇزۇن ھېكايە ؛ چۆچەك،ئەپسانە ؛ تەرجىمىھال، تارىخ ؛ كۈي ، سايراش، كۈيلەش؛ [داستان ئاغازى
- داستانسەرا/ داستانسەراي — ؛[داستانسەرا/ داستانسەراي = دەستانسەرا/دەستانسەراي] داستانچى ، داستان ئېيتىقۇچى ، داسستان توقۇغۇچى ، ھېكايىچى؛
- داستانسەرالىغ — داستانچىلىق،ھېكايىچىلىق؛
- داش — ؛1) خۇمدان؛ 2)چوڭ قازان؛ كۆل؛ [ئۇيغۇر داش --- تارىم دەرياسى]؛
- داشخانە — خىش ياكى كوزا - قاچىلار ، پىشۇرۇلىدىغان خۇمدان؛
- داغ — كۆيۈك، كۆيگەن جاي ، بەلگە ، ئىز ، ئەسەر ؛ كۆچمە مەناسى: قايغۇ ، ئەلەم ، كۈلپەت؛ [داغ ئۆرتەمەك ---داغلىماق، كۆيدۈرمەك؛ تا
- داغدار — داغ چۈشكەن ، كۆيگەن؛
- داغمال — كەپشەرلەش ئەسۋابى.
- داغماللىق — كەپشەرلىمەك؛ كەپشەرلەش.
- داغۇلى — ئالدامچى ، مەككار؛
- داغى — تېخى ، يەنە ، ھەمدە ، ......مۇ؛
- داغى ئەلىف — زىننەت ئۈچۈن يۈزگە سېلىنغان ئالىپ شەكلىدەكى ئوسما رەڭ داغ؛
- داغى فۇرقەت — ئايرىلىش دېغى ، ئايرىلىش كۈلپىتى؛
- داغى نىھانىي — يوشۇرۇن ئەلەم؛
- داغى ھىجران — ھىجران دېغى ، جۇدالىق كۈلپىتى؛
- داغى ھىرمان — مەھرۇملۇق دېغى ، ئارمان كۈلپىتى؛
- دافىئى سەۋدا — سەۋدايىلىقنى تۈگەتكۈچى ، ساراڭلىقنى يوقاتقۇچى؛