لۇغەتنى كۆرۈش: د
- داقيانۇس — مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر شاھى (ئۇنىڭ پايتەختى تۇرپاندا بولۇپ،ھازىرمۇ خارابىلىرى بار).
- داكا
- داكانە — ياغلىق؛
- داڭقان — ئۈچ پۇتلۇق قازان؛
- داڭقى — ئاتاق؛ ئىناۋەت؛ شۆھرەت؛
- داڭگىز — كىرلىشىش؛ قاسماقلىشىش؛
- دال — ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى «د» ھەرپىنىڭ نامى ؛ كۆچمە مەناسى: ئېگىلگەن ، پۈكلەنگەن،پۈكۈلگەن؛ يارنىڭ سىكىلەك چېچى؛
- دالالەت — ئۈندىمەك ؛يېتەكلىمەك ؛چاقىرىش ؛
- دالان — دالان ، كارىدور؛
- دالباي — ئوۋدا قۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسىتىلىدىغان گۆش ، يەمچۈك؛
- دالدا — ئارقا ، كۆزگە چېلىقمايدىغان جاي ، پاناھ جاي ؛ تايانچ؛
- دالدالاماق — كۆممەك ، يوشۇرماق ، قوغدىماق ؛ يوشۇرۇنماق ، پاناھلانماق؛
- دالگۇل — نەقىش ، بېزەك ، داستىخان ، رومال قاتارلىق نەرسەلەرگە كەشتىلىنىدىغان كەشتە نۇسخىلىرىنىڭ بىرى؛
- دالل — دەلىل ، ئىسپات؛ .......نىڭ دەلىلى؛ ........نىڭ پاكىتى؛
- دام — ئالدام ؛ قىلتاق ؛توزاق
- دام — 1 ؛1) توزاق؛ تور؛ ئورا؛ [ئەسىرى دام بولماق --- توزاققا ئېلىنماق، قولغا چۈشمەك]؛ 2)ھەر خىل ھايۋانلار؛
- دامە — داۋام قىلماق (پېئىل ) ؛ داۋام قىلسۇن؛ [دامە ھەياتۇھۇ --- ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن]؛
- دامەن — [دامەن=دامان/ دامانە] ئېتەك ، پەش؛ چەت ، ياقا؛
- دامەنە — ئېتەك ، تاغ ئېتىكى ، تاغ باغرى ، دائىرە ، قىرغاق ، كۆلەم؛ ئەرەبچە ھەرپلەردىن «س»،«ق» غا ئوخشاش ھەرپلەرنىڭ يېرىم دائىرە ش
- دامەنەلەمەك — تاغ باغرى بويلاپ ماڭماق؛
- دامەنفىشان — ئېتەك يايغۇچى ؛ كۆچمە مەناسى: ئۆزىنى يوقاتقان؛
- دامەنكەشان/دامەنكىشان — ئېتەك قايرىش ، پەش قېقىش ، ئۆزىتى چەتلىتىش؛
- دامەنگىر — خەقنىڭ پېشىگە ئېسىلىۋالغۇچى ، ئېسىلىۋېلىپ قويۇپ بەرمەيدىغان؛ تۇتۇۋالغۇچى،توسۇۋالغۇچى؛ [دامەنگىر بولماق --- توختاتماق ، ت
- دامبا — توغان؛