داد
مەنىسى
ئادىللىق ياكى ياردەم تەلەپ قىلىپ ۋارقىرىغاندا ئېيتىلىدىغان سۆز ؛ ئادالەت ،ھەققانىيەت؛ [داد ئەيلەمەك --- ئادىللىق كۆرسەتمەك، لىللاھ ئىش قىلماق]؛ [داد دەمەك --- ئادىللىق تەلەپ قىلىماق، ياردەم تەلەپ قىلىپ ۋارقىرىماق]؛ [داد بەرمەك --- دادىغا يەتمەك]؛ [داد تاپماق --- ئادالەت تاپماق]؛ [داد تىلەمەك --- ئادىللىق تىلىمەك]؛ [دادىغا يەتمەك --- دادىغا قۇلاق سالماق]؛ [دادنى بەرمەك --- جايىغا يەتكۈزمەك ، ئورۇنلاشتۇرماق]؛