لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قەدەمكەش — قەدەم تاشلىغۇچى ، يول يۈرگۈچى؛
- قەدەھ — پىيالە، كاسا،قەدەھ؛ جام؛ رۇمكا؛ چىنە؛ باكال؛
- قەدەھپەيما — مەي تۇتقۇچى ، مەي قۇيغۇچى ، ساقىي؛
- قەدەھكەش،قەدەھخار — مەي ئىچكۈچى ، قەدەھ كۆتۈرگۈچى ؛ مەي قۇيغۇچى ،ساقىي؛
- قەددەسەللاھ — ئاللاھ مۇقەددەس قىلسۇن ، خۇدا ئەزىز قىلسۇن!
- قەددەسەللاھۇ روھەھۇ — ئاللاھ ئۇنىڭ روھىنى مۇقەددەس قىلغاي ،خۇدا ئۇنىڭ روھىنى ئەزىز قىلسۇن؛
- قەدر — باھا ، قىممەت ، سان ، سالماق ، دەرەجە ، مىقدار ، ئۇلۇغلۇق ، ئەزىزلىك؛مەرتىۋە ، ئۇنۋان؛
- قەدىر-قىممەتلىك — Worthwhile(سۈپەت)-- سەرپ قىلىنغان ۋاقىت، كۈچ-ھەرىكەت، پۇل ياكى رېسۇرسقا لايىق، قىممەتلىك، پايدالىق، مەنالىق، قىلىشقا ئەر
- قەدىردان — قەدىرلىك؛ كىشىلەرنىڭ قەدىر-قىممەتىنى بىلگۈچى ۋە چۈشەنگۈچى؛
- قەدىم — كونا، قەدىمىي، بۇرۇنقى؛
- قەدىمانە — كونا ئۇسلۇبتىكى ، كونىچە؛
- قەدىمقى/قەدىمىي — Ancient(ئىسىم/سۈپەت)--ئىنتايىن ئۇزاق بۇرۇنقى، قەدىمقى، تارىختىكى دەۋرگە ئائىت دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەتتە مىڭلىغا
- قەدىمۇلقەدىم — ئەڭ قەدىمقى ، قەدىمنىڭ قەدىمقىسى؛
- قەدىمىي — قەدىمىي ، كونا ، بۇرۇنقى زامانغا مەنسۇپ ، ئۆتمۈشكە دائىر؛
- قەدىناس — كونا؛سىرداش؛
- قەرئ — قېقىش ، چېكىش (ئىشىكنى)؛
- قەرابە،قەررابە — مەي شىشىسى ، مەي قاچىلايدىغان ئەينەك قاچا؛
- قەرابەت — يېقىنلىق ، يېقىن قارىنداشلىق ، تۇغقانلىق؛
- قەرار — تىنچلىق ، ئارام ، ماكانلىشىش ، بىر يەردە تۇرۇش ، مەھكەملىك ،تۇرغۇنلۇق ، چىدام ، ھۆكۈم، كېسىم ، قارار؛ [قەرار تاپماق ---
- قەراھەت — يارا ، جاراھەت ، يىرىڭلىق جاراھەت؛
- قەرەل — چەكلىك مۇددەت؛ ۋاقىت؛
- قەرەنقۇل — قەلەمپۇر (ئۇششاق مىق شەكلىدەكى بىر خىل خۇشبۇي دورا )؛
- قەرتەبان — ئۆز خوتۇنىنىڭ ئىپپەتسىزلىكى ۋە نومۇسسىزلىقىنى ئەيىپ سانىمىغۇچى؛
- قەرز — بىر شەخس ياكى تەشكىلاتنىڭ باشقىلاردىن پۇل ياكى باشقا نەرسەنى ۋاقىتلىق ئېلىشىنى، كېيىن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن ئىشلىتىلىشىنى