لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەھەرە — ساھىر؛
- سەھەرگاھ — تاڭ ۋاقتى ، سەھەر پەيتى؛
- سەھەرگۇن — كۆچمە مەناسى: ئاق رەڭ؛
- سەھبا — قىزىل مەي ؛ [ئۈزۈمى سەھبا --- قىزىل ئۈزۈم]؛
- سەھرانشىن — كۆچمەن خەلق ، يايلاق خەلق؛
- سەھل — ئاسان ، ئوڭاي ؛ يەڭگىل ، ئەرزىمەس؛ [سەھل تۇتماق --- يەڭگىل كۆرمەك ، ئاسان سانىماق]؛ [سەھل ئەتمەك --- يەڭگىللەتمەك ، ئاسا
- سەھل ئىنگار — بىپەرۋا ، بىخەستە ، كالتە پەم ، يەڭگىل؛
- سەھل ئىنگارلىق — بىپەرۋالىق ، بىخەستەلىك؛ [سەھل ئىنگارلىق قىلماق --- بىپەرۋالىق قىلماق ، بىخەستەلىك قىلماق]؛
- سەھم — ؛(1) يا ئوقى؛ (2)ھەسسە ، ئۈلۈش ، بۆلەك ، نېسىۋە؛ (3) قورقۇنچ ، قورقۇش ، خەۋپ ، خەتەر؛
- سەھمناك — قورقۇنچلۇق ، خەۋپلىك ، قورققان ، خەۋپسىرىگەن؛
- سەھن — مەيدان ، بوشلۇق ، جاي ، ھويلا ، سەھنە؛
- سەھنە ئەسۋابلىرى/ ماختاش — Props(ئىسىم/پېئىل - كۆپلۈك)--ئىككى ئاساسىي مەنانى بىلدۈرىدۇ. (1) "properties" نىڭ قىسقارتماسى بولۇپ، تېئاتىر، فىلىم ياكى
- سەھنە، باسقۇچ — Stage(ئىسىم/پېئىل)--ئىسىم بولغاندا تېئاتىر، كونتسېرت قاتارلىق ئورۇنلاردا تەمسىل كۆرسىتىش ياكى نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن ياسالغا
- سەھۇر — رامىزاندا سەھەر تۇرۇپ تاماق يېيىش ، زورلۇق يېيىش ، زورلۇق؛
- سەھۋ — خاتا، يېڭىلىش ، سەۋەنلىك ، ئۇنتۇش؛ [سەھۋ بولماق --- خاتا بولماق ، يېڭىلىش بولماق؛ئۇنتۇلماق]؛
- سەھۋەن (سەۋەن)؛ — بىلمەسلىكتىن؛ ئېھتىھاتسىزلقتىن ئۆتكۈزگەن كەمچىلىك؛ يېڭىلىشماق.
- سەھۋۇلقەلەم — قەلەم خاتاسى ، يېزىقتىكى يېڭىلىش ، قەلەم سەۋەنلىكى؛
- سەھى — تۈز ، رۇس ، توغرا ، ئىۋەنسىز ، تىك؛ (بۇ سۆز ئاساسەن «سەرۋ » ، «قەد» قاتارلىق سۆزلەر بىلەنلا كېلىدۇ)؛ [سەھى سەرۋ --- تىك
- سەھى(سەھەت)؛ — تەن ساقلىغى.
- سەھىپە — قەغەز ياپرىغىنىڭ بىر يۈزى؛ كىتابنىڭ بېتى.
- سەھىفە — سەھىپە ، بەت ، خەت؛ [باش سەھىفە --- باش بەت]؛
- سەھىم — ئوق.
- سەھىھ — ساغلام ، توغرا ، خاتاسىز ، دۇرۇس؛ [سەھىھ ئاھەڭ --- توغرا يۈرۈش ، توغرا يول تۇتۇش]؛ [سەھىھ قىلماق --- توغرىلىماق ، تۈزەتم
- سەۋاب — ؛(1) ياخشى ئىش بەدىلىگە ئېلىنىدىغان مۇكاپات ، ساۋاب؛ (2) توغرا ، خاتاسىز ، دۇرۇس؛