لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەۋابدىد — ماقۇللۇق ؛ نەسىھەت ، مۇۋاپىقلىق؛
- سەۋابىت — ؛«سابىت»نىڭ كۆپلۈكى : تۇرغۇن يۇلتۇزلار؛ تەۋرەنمەسلەر؛
- سەۋابىق — ؛«سابىقە»نىڭ كۆپلۈكى : ئۆتكەنكىلەر ، ئالدىنقىلار؛
- سەۋاد — قارا ، قارا رەڭ ، قاراڭغۇ ، قاراڭغۇلۇق ، يىراقتىن غۇۋا كۆرۈنگەن نەرسە ، قارا ؛ خەت تونۇش، ساۋاد ، يېزىق ؛ شەھەر ، ئۆلكە
- سەۋادۇل ۋەجھ — يۈزى قارىلىق؛
- سەۋادى ئەئزەم — بۈيۈك ماكان ، ئۇلۇغ جاي ، كاتتا شەھەر ؛ مۇتلەق كۆپچىلىك خەلق؛
- سەۋادى بەسەر — كۆز قارىچۇقى؛
- سەۋار — ئۇلاغ مىنگەن ، ئاتلىق؛
- سەۋارە — ئات مىنگۈچى ، ئاتلىق؛
- سەۋاش — ساۋاش ، ئېلىشىش ، كۈرىشىش ؛ ئۇرۇش ، جەڭ؛
- سەۋاشماق — ئېلىشماق ، كۈرەشمەك ، جەڭ قىلماق؛
- سەۋامىئ — ؛«سەۋمەئە»نىڭ كۆپلۈكى: مۇناستىرلار؛
- سەۋانىھ — ؛«سانىھە»نىڭ كۆپلۈكى : ۋەقەلەر ، ھادىسىلەر؛
- سەۋاھىب — ؛«ساھىب»نىڭ كۆپلۈكى : خوجايىنلار ؛ دوستلار ، سۆھبەتداشلار؛
- سەۋاھىل — ؛«ساھىل»نىڭ كۆپلۈكى : قىرغاقلار ، دېڭىز بويلىرى؛
- سەۋەب/ئەقىل — Reason ئىككى ئاساسىي مەنانى بىلدۈرىدۇ: (1) بىر ئىشنىڭ بولۇش سەۋەبى، ئىللەتى؛ (2) ئىنساننىڭ تەپەككۇر قىلىش، لوگىكالىق مۇل
- سەۋەب/كەلتۈرۈپ چىقىرىش — Cause(ئىسىم/پېئىل)--ئىسىم شەكلىدە بىر نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب، ئامىل؛ ئارزۇ-مەقسەت؛ پېئىل شەكلىدە بىر نەرسەن
- سەۋب — تەرەپ ، ياق؛
- سەۋت — ؛(1) تاۋۇش ، ئاۋاز ، شاۋقۇن ، ئاھاڭ ، كۈي ، مۇقام؛ (2) قامچا؛
- سەۋتۇ ئەلھان — كۈي ۋە ئاھاڭ ، كۈيلەش ، سايراش؛
- سەۋتى جەرەس — قوڭغۇراق ئاۋازى؛ [سەۋتى جەرەس تىنماق --- (كۆچمە مەناسى) تاڭ ئاتماق ،كارۋان قونماق (ئەينى : قوڭغۇراق ئاۋازى تىنماق)؛
- سەۋدا — ؛(1) كۈچلۈك ئىنتىلىش ، بېرىلىش ، ئىشىق ، شەيدالىق ؛ ئىستەك، ئارزۇ - ھەۋەس ، خىيال، تەنتەكلىك ، ساراڭلىق؛ [سەۋدا پىشىرماق
- سەۋدائىيانە — سەۋدايىلارچە ، تەلۋىلەرچە ، دىۋانىلارچە؛
- سەۋداپىشە/سەۋداگەر — سودىگەر؛