لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەنگ تۆدە — بىر دۆۋە تاش؛
- سەنگ كەباب — قىزىغان تاشقا گۆشنى چاپلاپ پىشۇرۇلغان كاۋاپ؛
- سەنگەر — ئاكۇپ، ئىستىھكام ؛ تاغدا قۇرۇلغان ئىستىھكام؛
- سەنگەرلاماق — بېكىتمەك ، مۇستەھكەملىمەك ، ئىستىھكام قۇرماق؛
- سەنگەنداز — تاش ئاتقۇچى ، سېپىل ۋە قەلئەلەرنىڭ تاش ئېتىش ئۈچۈن ئېچىلغان تۆشۈكلىرى؛
- سەنگباران — تاش ياغدۇرۇش ، تاش بوران ، تاش ئېتىش؛
- سەنگبەست — مۇستەھكەم ، تاش بىلەن مۇستەھكەملەنگەن؛ [سەنگبەست ئەتمەك --- چىڭ بېكىتمەك ، مۇستەھكەم قىلماق]؛ [سەنگبەست بولماق --- مۇستە
- سەنگتەراش — تاشچى ، تاش يونىغۇچى ، تاش قازغۇچى؛
- سەنگدىل/سەنگىن دىل — تاش يۈرەك ، قاتتىق كۆڭۈل ، رەھىمسىز؛
- سەنگرىز — تاش ياغدۇرۇش ، تاش ياغدۇرغۇچى؛ [سەنگرىز ئەتمەك --- تاش ياغدۇرماق]؛
- سەنگرىزە — ئۇششاق تاش ، شېغىل؛
- سەنگرىزەلىك — شېغىللىق ، شېغىل يېيىتىلغان؛ [سەنگرىزەلىك شاھراھ --- شېغىللىق چوڭ يول]؛
- سەنگسار — ؛(1)تاشلىق جاي ؛ (2) ئادەمنى بېلىگىچە كۆمۈپ ، تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرۈش؛
- سەنگلاخ — تاشلىق يەر ، شېغىللىق يەر؛
- سەنگى تەراشىدە — ئىشلەنگەن تاش ، تاراشلانغان تاش ، سىلىقلانغان تاش؛
- سەنگى دىل — باغرى تاش؛ تاش يۈرەك؛
- سەنگىن — تاشتىن ياسالغان؛ كۆچمە مەناسى: ئېغىر ، چىڭ ، مۇستەھكەم ، قاتتىق؛
- سەنىن — ؛«سەنە»نىڭ كۆپلۈكى : يىللار؛
- سەھاب — بۇلۇت؛
- سەھابى پىلرەنگ — پىلدەك بۇلۇت ، قارا بۇلۇت؛
- سەھايىف — ؛«سەھىفە»نىڭ كۆپلۈكى : سەھىپىلەر ، ۋاراقلار ، بەتلەر؛
- سەھەر — سەھەر؛ [سەھەر خۇتبەسى --- كۆچمە مەناسى: توخۇ چىللىغان چاغ ،خوراز چىللىقى]؛
- سەھەر خەندەلىق — ئوچۇق چىرايلىق ، خۇش چىرايلىق؛
- سەھەر خىز — سەھەر تۇرغۇچى؛