لۇغەتنى كۆرۈش: ز
- زەر ئەندۇد — ئالتۇن قاپلانغان؛ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن؛ ئالتۇندەك پارقىرايدىغان؛
- زەر بەفتلىغ — كىمخاپ تونلۇق ، زەرباب كىيىملىك؛
- زەر پەيكەر — زەر تۈسلۈك ، ئالتۇن رەڭلىك؛
- زەر خەرىد — ئالتۇنغا سېتىۋېلىنغان ، قۇل؛
- زەر ھەلقە — ئالتۇن ھالقا ، ئالتۇن سىرغا؛
- زەر ۋاراق — ئالتۇن سۈيى بىلەن يېزىلغان كىتاب.
- زەرائىف/ زەرايىف — ؛«زەرىف»نىڭ كۆپلۈكى : زەرىف؛
- زەرافەت — نەپىسلىك ، نازاكەت ، نازۇكلۇق ، گۈزەللىك ؛ زېرەكلىك ، نازۇك، پەملىك ، شېرىن سۆز ، نازۇك مەنالىق ، چاققانلىق ؛ جاقچاق ، ل
- زەرافەت ئامىز — چاقچاق ئارىلاش ، تەنىلىك ، دارىتمىلىق؛
- زەرافەتدىسار — نازۇك پىكىرلىك ، زېرەك ؛ خۇشچاقچاق؛
- زەرەتلىگۈچ
- زەرەد — سېرىق؛ سېرىق رەڭلىك؛
- زەرەر — زىيان؛
- زەرەفشان — ئالتۇن چاچقۇچى، زەر چاچقۇچى؛ ئالتۇن چېچىلغان ، ئالتۇن ھەل بىلەن پارقىرىتىلغان؛ [دەريايى زەرەفشان --- زەرەپشان دەرياسى]؛
- زەرەفشانلىق — ئالتۇن چېچىش؛
- زەرب — ئۇرۇش ، كۆپەيتىش ؛ قۇيۇش (تەڭگە ) ؛ ئۇرغۇ ، شېئىردا ئىككىنچى مىسرانىڭ ئاخىرىدىكى ئۇرغۇ؛تاكت؛
- زەرباپ — گۈلدار ئېسىل يىپەك رەخت (بۇرۇنقى زاماندا ئەرلەرنىڭ تون - چاپانلىرى مۇشۇ رەختتىن تىكىلەتتى).
- زەرباف — تەتىللا توقۇغۇچى ، كىمخاپ توقۇغۇچى ؛ تەتىللا ، كىمخاپ ، زەرباب؛
- زەربافت/ زەر بەفت — كىمخاپ ، تەتىللا ؛ زەردىن توقۇلغان ؛
- زەربخانە — پۇل ياسىلىدىغان جاي ؛ تەڭگە ، تىللا قۇيۇلىدىغان كارخانا؛
- زەربى دەست — بىلەك كۈچى ؛ قاتتىق كۈرەش . جەڭ؛
- زەربى راست — كۈچ بىلەن ، جەڭ بىلەن؛
- زەرپاش — زەر چاچقۇچى ؛ سېخى ؛ پۇل سەرپ قىلغۇچى ، سېخى ؛ كۆچمە مەناسى: قۇياش؛
- زەرپەران — Saffron(ئىسىم)--دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەتىرىيات ۋە رەڭ بېرىش ماددىلىرىدىن بىرى بولۇپ، Crocus sativus ئۆسۈملۈكىنىڭ گۈلى