لۇغەتنى كۆرۈش: ز
- زەبۇن — ئاجىز ، ناتىۋان ، بىچارە ، كۈچسىز ، يېڭىلگەن ، مەغلۇپ ، مەغلۇپ بولغان؛ [زەبۇن بولماق --- ئاجىزلاشماق ، يېڭىلمەك ، مەغلۇپ
- زەبۇنكەش — ئاجىزلارنى ئۆلتۈرگۈچى ، زالىم ، رەھىمسىز؛
- زەبۇنكەشلۇق — ئاجىزلارنى ئۆلتۈرۈش ، زالىملىق ، رەھىمسىزلىك؛
- زەبۇنۋەش — ئاجىزلارچە ، بىچارىلەرچە ، خارلارچە؛
- زەبىھ — بوغۇزلانغان ، سويۇلغان ھايۋان ، قۇربانلىق؛ زاپاس ، ئېھتىيات؛
- زەپە — تىبەت زاراڭزىسىنىڭ گۈلى؛ بۇ تىبابەتچىلىكتە دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ؛ رەڭگى سېرىق.
- زەپەر — مەقسەتكە ئېرىشكەن؛ مۇۋەپپەقىيەت؛ غەلىبە؛ ئۈستۈنلۈك؛ دۈشمەننى يەڭمەك.
- زەججاج — شىشىچى ، شىشە قاچىلار ياسىغۇچى ؛ قاچىلار ساتقۇچى؛ ئەينەك سالغۇچى؛
- زەجر — قىيناش ، ئازابلاش ، مەجبۇرىلاش ، زورلاش ، مەنئى قىلىش ، چەكلەش ،قايتۇرۇش ، كەينىگە ياندۇرۇش؛
- زەخامەت — يوغانلىق ؛ چوڭلۇق ، قېلىنلىق؛
- زەخخار — قاينام - تاشقىنلىق ، قاتتىق دولقۇنلىتىپ تۇرغان؛ [ بەھرى زەخخار --- دولقۇنلۇق دېڭىز]؛
- زەخم — يارا ، جاراھەت ، كۆڭۈل غەشلىك؛ [زەخم ئەيلەمەك --- يارا قىلماق ، جاراھەتلەنىدۈرمەك]؛ [ زەخم يەمەك --- يارىلاتماق]؛ [زەخم
- زەخمە — ئۇرۇش ، چېكىش ، سوقۇش ؛ يارا ، جاراھەت ، زىدە ؛ مۇزىكا كۈيى؛
- زەخمە پەردازلىق — كۈيچىلىك ، چالغۇچىلىق؛
- زەخمەت — شىكەستىلىنىش؛ يارىلىنىش؛ ئەزىيەت؛ زىيان؛
- زەخملىغ — يارىدار ، جاراھەتلىك ، يارىلانغان ، قايغۇدىن كۆڭلى زىدە بولغان؛
- زەخمناك — دىلى يارىلانغان ، كۆڭلى زىدە : جاراھەتلىك ، يارىدار؛
- زەخمى زەبان — تىلدىن (گەپتىن ) يەتكەن ئازار؛
- زەخمىن — يارىدار ، جاراھەتلىك ، كۆڭلى زىدە ؛
- زەخىرە — زاپاس ئاشلىق ، زاپاس نەرسە ، ھەر ئېھتىمال ئۈچۈن ساقلانغان نەرسە ، ئېھتىيات ئۈچۈن ساقلانغان نەرسە؛
- زەدا/ زەداي — بىرىكمەدە ، تازىلىغۇچى ، چىقىرىپ تاشلىغۇچى ، سۈرۈپ چىقارغۇچى دېگەن مەنالاردا كېلىدۇ؛ [غەمزەدا --- غەمدىن خالاس قىلغۇچى ،
- زەدە — سۆز بىرىكمەلىرىدە «ئۇرۇلغان ، ئېزىلگەن ، زەربىگە ئۇچرىغان» دېگەندەك مەنالارنى بىلدۈرىدۇ؛ [دەريا زەدە --- دەريا پالاكىتىگ
- زەدە — زىدە بولغان ، قىينالغان ، ئازابلانغان ، قۇرۇت يېگەن؛
- زەر — ؛1) ئالتۇن ، ئالتۇن سۈيى بېرىلگەن يىپ؛ ،تىللا؛ [زەرەندەر زەر --- زەر ئۈستىگە زەر ، ئالتۇن ئىچىدە ئالتۇن]؛ [زەر پەيكەر --