لۇغەتنى كۆرۈش: ز
- زەئقە — قورقۇپ تىترەش ، قورقۇشتىن تىترەش؛ [زەئقە ئۇرماق --- قورقۇپ تىترىمەك ، قورقۇشتىن تىترىمەك]؛
- زەئىپ — كۈچسىزلىك؛ مالسىزلىق؛ ئاجىز؛ كېسەللىك؛
- زەئىپلەشتۈرۈش — Weaken(پېئىل)-- بىر نەرسەنىڭ كۈچى، قۇۋۋەتى، تاقەتى، مۇستەھكەملىكى، تەسىر قىلىش قابىلىيەتىنىڭ ئازىيىشى، ئاجىزلىشىشى؛ نۇرس
- زەئىف — ئاجىز ، كۈچسىز ، ھالسىز؛ كۆچمە مەناسى: نامرات ، يوقسۇل؛
- زەئىفە — ؛«زەئىف»نىڭ ئاياللىق شەكلى . كۈچسىز ، ئاجىز؛ كۆچمە مەناسى: ئايال كىشى ، خوتۇن كىشى؛
- زەبان — تىل؛ تاۋۇشلۇق تىل ، گەپ ، نۇتۇق؛
- زەبان ئاۋەرد — سۆزمەن ، ناتىق ، چىرايلىق سۆزلەگۈچى ، گەپدان؛
- زەباناۋەر — گەپتان ، سۆزمەن ، سۆزگە ماھىر؛
- زەبانە — تارازىنىڭ كۆرسەتكۈچ تىلى ، ئوت ئەلەنگىسى ، يالقۇن؛ [زەبانە تارتماق ، زەبانە ئۇرماق ---يالقۇنلىماق ، ئەۋج ئالىپ كۆيمەك]؛
- زەبانبەست — ئاغزىنى باسقۇچى ، جىم قىلغۇچى ، تىنچلاندۇرغۇچى ، گەپتىن توختاتقۇچى؛
- زەبانبەند — تىلى تۇتۇق ، گەپ قىلالمايدىغان؛ ئاغزىنى تۇۋاقلاش؛ [زەبانبەند ئەيلەمەك، زەبانبەند قىلماق --- ئاغزىنى تۇۋاقلىماق ، گەپ قىل
- زەباندان — تىل بىلگۈچى ، تىلشۇناس ، تىل ئالىمى؛
- زەبانى ھال — تاۋۇشسىز تىل ، كىشىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ئۇنىڭ ئىچكى ھالىنىڭ بىلىنىشى؛
- زەبەر — ئېگىز ، يۇقارى ، ئۈست ، تۆپە ، ئۈستىكى ؛ زىۋەر(ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ ، ئۇنىڭغا «ئە ، ئا» سوزۇق تاۋۇشلى
- زەبەرجەد — بىر خىل زەيتۇنرەڭ، ئېسىل تاش؛ [تاقى زەبەرجەد --- كۆك ئاسمان]؛
- زەبەردەست — قولى ئۇزۇن ؛ كۈچلۈك ؛ پالۋان؛
- زەبەردەستلىق — قولى يۇقارىلىق ، زورلۇق ، قۇدرەت ؛ پالۋانلىق؛
- زەبت — قولغا ئېلىش ، تۇتۇش ، ئىشغال قىلىش ، ئىگىلەش ، بويسۇندۇرۇش؛ [زەبت قىلماق --- قولغا ئالماق ، تۇتماق ، ئىشغال قىلماق ؛ ئىگ
- زەبتۇئايىن — ئىنتىزام ۋە تەرتىپ؛
- زەبتۇرەبت — باشقۇرۇش ، ئىدارە قىلىش ، بېجىرىش؛
- زەبھ — بوغۇزلاش ، سويۇش ، قۇربانلىق قىلىش ؛ قۇربانلىق؛
- زەبور — ئاللا تەرەپىدىن داۋۇت پەيغەمبەرگە چۈشكەن مۇقەددەس كىتاب.
- زەبۇر — داۋۇد پەيغەمبەرگە نازىل بولغان كىتاب؛ قەسىدە؛
- زەبۇرجەت — زۇمرەت رەڭلىك بىرخىل قىممەت باھا ئېسىل تاش.