لۇغەتنى كۆرۈش: ز
- زەرد — سېرىق ، سېرىقلىق ؛ سارغايغان ، تاتارغان؛ [ئافتاب زەردى --- ئاپتاپنىڭ سارغىيىشى ، كۈننىڭ ئولتۇرۇشقا يېقىنلىشىشى؛
- زەرداپ — يىرىڭلىق قان.
- زەردار — ئالتۇن تۇتقۇچى؛ باي؛ دەۋلەتمەن؛ قول ئىلكىدە بار؛
- زەردە — سېرىق رەڭلىك ؛ ئۆت ، سەپرا؛
- زەردوز — زەركەشتە تىككۈچى ؛
- زەردۇشت/زەردەشت/زەرتۇشت — قەدىمىي ئىراندا ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ئادەم (بۇ دىن شۇ نام بىلەن مەشھۇر بولغان)؛ [زەردۇشت ئايىنى --- زەر
- زەررات — ؛«زەررە»نىڭ كۆپلۈكى : ئاتوملار ، زەررىلەر ، ئۇششاق بۆلەكلەر ، ئاتوملار؛ [زەرراتى كەۋن --- بارلىق زەررىلەر]؛
- زەررافە — زىراپە؛ «شەترەنج كەبىر» دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىي شاھماتنىڭ ئۇرۇقلىرىدىن بىرى؛
- زەررە — زەررە ، ئاتوم ؛ ئەڭ كىچىك بۆلەك ، ئازغىنە ، كىچىككىنە؛ جىسىمنىڭ خىمىيەلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلىيالايدىغان ئەڭ كىچىك پارچ
- زەررە - زەررە — پارچە - پارچە ، ئۇششاق - ئۇششاق؛
- زەررەۋار — زەررىدەك ، زەررىچىلىك؛
- زەررىچە/پارتىكل — Particle(ئىسىم)--ئىنتايىن كىچىك، پارچىلانمىغان ياكى پارچىلىنىشى قىيىن بولغان ماددانىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
- زەررىن — زەرلىك ، زەر بىلەن بېزەلگەن؛ ئالتۇنلۇق؛ [زەررىن غەزال، زەررىن غەزالە --- ئالتۇن كىيىك، كۆچمە مەناسى: قۇياش ، ئاپتاپ]؛ [
- زەررىن پوش — زەرباب كىيىم ، تەتىللا تون ، كىمخاپ تون ؛ زەرلىك يوپۇق؛ زەرلىك دوبۇلغا ۋە ساۋۇت؛
- زەرف — سۇيۇقلۇق قاچىلىنىدىغان قاچا؛ ئىدىش قاچا؛ [زەرفۇئىنا --- قاچا - قومۇچ ]؛
- زەرق — ئالدام ، ھىيلە ، مىكىر ، مۇناپىقلىق؛ [زەرق ئەھلى --- ھىيلىگەرلەر ، ئالدامچىلار ؛ مۇناپىق كىشىلەر]؛ [زەرقۇمەكر ، زەرق رىي
- زەرقسازلىق — ھىيلىگەرلىك؛
- زەركار — زەر يالاتقۇچى ، ئالتۇن سۈيى بىلەن نەقىش سالىدىغان ئۇستا؛ ئالتۇن بىلەن ئىشلەنگەن ، زەر بىلەن ئىشلەنگەن؛
- زەركارلىغ — زەرگەرلىك ، زەر بىلەن بېزەش كەسپى؛
- زەركەش — زەر ئالغۇچى ، ئالتۇننى رۇدىدىن ئايرىۋالغۇچى؛ زەر بىلەن ئىشلەنگەن ، زەرلەنگەن ، زەرلىك؛ [زەركەش لىباس --- زەر كىيىم]؛ [زە
- زەرگەر — ئالتۇنچى ، ئالتۇن جابدۇق ياسىغۇچى؛
- زەرنىشان — ئالتۇن قادالغان ، زەرلىك؛
- زەرنىگار — ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن ، ئالتۇن سۈيى يالىتىلغان؛
- زەرھەل — ئالتۇن ئېرىتمەسى ، ئالتۇن ئۇۋاقى؛ [زەرھەل ئەتمەك --- ئالتۇن سۈيى يالاتماق، زەرلىمەك]؛ [زەرھەل ئۆتۈك --- زەر بېرىلگەن ئۆت