لۇغەتنى كۆرۈش: ز
- زەرۈرەت — لازىملىق ، ئېھتىياج ، لازىمەتلىك ؛ زۆرۈرىيەت؛ [زەرۈرەت بولماق --- زۆرۈر بولماق؛ (مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا) مەجبۇر بولماق]
- زەرۈرىي — لازىم بولغان ، ئېھتىياجلىق بولغان؛ لازىملىق؛
- زەرۋەرەق — تىللاقاش (ئاياللار پېشانىسىگە تاقىۋالىدىغان بىر خىل زىننەت بۇيۇمى) : ئالتۇن قەغەز ، ئالتۇن ياپراق؛ زەرلىك رەخت؛
- زەرۋەش — ئالتۇنغا ئوخشايدىغان ؛ سېرىق رەڭلىك ئۆسۈملۈك؛ [بەقەمنى زەرۋەش ئەيلەمەك --- قىزىل رەڭنى سارغايتماق، قىزىلنى سېرىققا ئايلا
- زەرى مەخفىي — يوشۇرۇن ئالتۇن؛
- زەرى مەغرىبىي — ساپ ئالتۇن ؛
- زەرىپ — ھۇشيار؛ ئەقىللىق؛
- زەرىف — نەپىس ، گۈزەل ، لاتاپەتلىك ؛ زېرەك ، چاققان ، نازۇك پەم ، خۇشچاقچاق؛
- زەرىفانە — قىزىقارلىق سۆز بىلەن ، قىزىقارلىق قىلىپ ، قىزىقارلىق ھالدا؛
- زەرىنە — ئالتۇندىن ئىشلەنگەن ، زەر بىلەن ئىشلەنگەن ، ئالتۇن رەڭلىك ، ئالتۇن بېزەك ، ئالتۇن ئەسۋاب، ئالتۇن؛ [زەرىنە رەنگ --- ئالتۇ
- زەرىنگە — ئالتۇندەك؛ ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن.
- زەغەن — قۇزغۇن؛ [زاغۇ-زەغەن ---- قاغا - قۇزغۇن]؛
- زەفەر — غەلىبە ، غالىبىيەت ، غالىبلىق؛
- زەفەرشىئار — غالىب ، يېڭىلمەس؛
- زەفەرنامە — غالىبىيەت ھەققىدە يېزىلغان كىتاب؛
- زەقەن — ئېڭەك؛ [زەقەن چاھى --- ئېڭەك ئورىكى]؛
- زەققۇم — مېۋىسى ئىنتايىن ئاچچىق بولىدىغان بىر خىل دەرەخ ؛ زەھەر ، ئوغا؛ [زەققۇمى جەھىم --- دوزاق زەققۇمى]؛
- زەكا — زېھىن ئۆتكۈرلۈگى؛ ھەر نەرسەنى تېز چۈشىنىش؛ زېرەكلىك.
- زەكائ — ئەقىل ، پاراسەت ، زېرەكلىك ، ئۆتكۈرلۈك؛
- زەكات — زاكات (مۇسۇلمانلاردىن ئۇلارنىڭ ئومۇمىي بايلىقىنىڭ قىرىقىدىن بىرى مىقدارىدا ھەر يىلى ئېلىنىدىغان دىنىي سېلىق) ؛
- زەكاتچى — زاكات پۇل - ماللارنى يىغقۇچى ئەمەلدار ، زاكاتچى؛
- زەكەر — زەكەر-- ئەرلەرنىڭ ئۈرچىش ۋە سىيىش سىستېماسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان بىئولوگىيەلىك ئورگاننى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئورگان ئەرلەر
- زەكى — زېھنى ئۆتكۈر؛ زەكا ئىگەسى ؛زېرەك؛پەم-پاراسەتلىك.
- زەكىي — ؛1) تازا ، پاك ، ساپ ، پاكىز ؛ تەقۋا؛ 2) ئەقىللىق ، ئۆتكۈر ، زېھىنلىك؛