لۇغەتنى كۆرۈش: ز
- زەگۇندە — پىشايۋان سۇپىسىنىڭ قىرىغا قويۇلغان تاختاي ياكى ياغاچ؛
- زەڭگەر — ئاسمان رەڭگى؛ كۆك.
- زەلال — ئېزىش ، ئادىشىش ، توغرا يولدىن چىقىش ، گۇمراھلىق، ئازغۇنلۇق؛ [زەلال ئەھلى --- ئاداشقانلار، خاتا يولغا ماڭغانلار]؛
- زەلالەت — يولدىن چىقىش ، ئادىشىش ، ئازغۇنلۇق ، گۇمراھلىق؛ [زەلالەت ئەنگىز --- خاتا يولغا باشلىغۇچى، ئازدۇرغۇچى]؛
- زەلەمە — ؛«زالىم»نىڭ كۆپلۈكى : زالىملار؛
- زەلەمنا — بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق؛
- زەلەمنارەببىنا — «ئەي تەڭرى، ئۆز-ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق»؛
- زەللە — نەسىۋە ئۈچۈن يۆگەلگەن داستىخان.
- زەللەت — گۇناھ ، سەۋەنلىك ، خاتالىق؛
- زەلۇم — زومىگەر ، ھەددىدىن ئارتۇق زۇلۇم قىلغۇچى، ئىنتايىن زالىم؛ [زەلۇمو جەھۇل --- ئەڭ زالىم ۋە ئەڭ جاھىل]؛
- زەلىبىيا/زەلۇبىيا — بىر خىل تاتلىق چەلپەك ؛ شەربەت؛
- زەلىل — خار ، تۆۋەن ، پەس؛ [زەلىل ئەيلەمەك، زەلىل ئەتمەك، زەلىل قىلماق --- خارلىماق]؛
- زەلىلانە — خارلارچە ، خارلىق بىلەن؛
- زەلىللىك — خارلىق ، پېقىرلىق؛
- زەم — قوشۇش:؛جەملەش؛ يىغىلغان؛ توختاش.
- زەم — قوشۇش ، جەملەش ، يۈكلەش؛ [زەم ئەيلەمەك، زەم ئەتمەك، زەم قىلماق --- قوشماق، جەملىمەك؛ يۈكلىمەك]؛
- زەم قىلىپ — قوشۇپ؛ ساقلاپ؛ توختىتىپ.
- زەمان — ؛(1) دەۋر ، زامان ۋاقىت؛ [زەمان- زەمان ---- ھەر زامان ، ھەر ۋاقىت ،دەممۇدەم]؛ [زەمانوزەمىن --- زامان ۋە ماكان ، ئاسمان -
- زەمانە — زامان ، دەۋر ۋاقىت؛
- زەمانىي — بىردەملىك ، ۋاقىتلىق ، ئازغىنە ۋاقىت ؛ بىر زامانلار؛
- زەمايىر — ؛«زەمىر»نىڭ كۆپلۈكى : زەمىر؛
- زەمايىم — ؛«زەمىمە»نىڭ كۆپلۈكى : ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ئەسكى ئىشلار ، يامان قىلىقلار . يامانلىقلار؛ [فىئلى زەمايىم --- يامان قىلىقلا
- زەمەن — ؛«زەمان»نىڭ كۆپلۈكى : زامانلار ، دەۋرلەر؛
- زەمبىرەك — زەمبىرەك (cannon) چوڭ، ئېغىر تىپتىكى قورال بولۇپ، تارىختا ئۇرۇشلاردا، بولۇپمۇ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق جەڭلىرىدە قوللىنىلغان. ئ