لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دەريا سىتىز — دېڭىزدەك قەھىرلىك ، دېڭىزدەك غەزەپلىك؛
- دەريا مايە — سەرمايىسى دېڭىز سۈيىدەك كۆپ ، قالتىس باي ؛
- دەريابار — يامغۇر ، دېڭىز ساھىلى ، تاشقىن ، سەل ؛ چوڭ دېڭىز؛
- دەريادىل — كەڭ قورساق ، كۆڭلى - كۆكسى كەڭ ، مەرت؛ كۆچمە مەناسى: چوڭ ئالىم؛
- دەريازەدە — دېڭىز ھادىسەسىگە ئۇچرىغان؛ كۆچمە مەناسى: ئۇپرىغان ، كونىرىغان،ئىشتىن چىققان؛
- دەرياغىنە — كىچىك دەريا؛
- دەرياكەش — كېمىچى؛ كۆچمە مەناسى: ئىچەرمەن ، چوڭ قەدەھ بىلەن سۈمۈرگۈچى؛
- دەرياگەرد — سۇ ئۈزگۈچى ، دەريا - دېڭىزلاردا يۈرگۈچى؛
- دەريانەۋال — قولى ئوچۇق، خەير - ئېھساننى ئايىماي قىلىدىغان ، ئىنتايىن سېخىي؛
- دەريۇزە — تىلەمچىلىك ، گادايلىق؛ تىلەمچى ، دىۋانە ، گاداي ، نامرات؛ [دەريۇزە قىلماق، دەريۇزە ئەتمەك --- تىلىمەك ، ئىزدىمەك]؛
- دەريۇزەنەماي — تىلەمچىلىك قىلغۇچى ، گاداي سۈپەت ، تىلەمچىگە ئوخشاش؛
- دەزمال
- دەساتىن — ؛«دەستان»نىڭ كۆپلۈكى : داستانلار؛
- دەساتىنى خاتىرنەۋاز — يېقىملىق داستانلار؛
- دەست — قول ؛ قېتىم ، نۆۋەت ، مەرتە ، كەررە؛ [دەست بەرمەك --- يۈز بەرمەك؛ مۇيەسسەر بولماق ، ئېرىشمەك، ئىگە بولماق؛ ئىش ئوڭدىن كە
- دەست ئەفشان — قول سىلكىش ، ۋاز كېچىش ؛
- دەست ئەنداز — زالىم ، زومىگەر ، زورگەر ، باسقۇنچى؛
- دەست ئەندازلىق — زورلۇق ، زومىگەرلىك ، زالىملىق ، باسقۇنچىلىق، تاجاۋۇز ، بۇلاڭچىلىق؛/ بۇ ئىنتايىن ئېغىر جىنايىي ھەرىكەت بولۇپ، بىرسىنى ئۇ
- دەست بوس — قول ئۆپۈش ، قولغا سۆيۈش ؛ خىزمەتتە بولۇشقا تەييار؛ [دەست بوس قىلماق --- قول سۆيمەك]؛
- دەست بۇرد — توساتتىن ھۇجۇم قىلىش، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش؛ تارتىۋېلىش، بۇلىۋېلىش؛ غالىب كېلىش؛
- دەست داراز — قولى ئۇزۇن (باي)؛ھەممەگە، قولى يېتىدىغان.
- دەستار — سەللە؛ [ئاشۇفتە دەستار --- سەللىسى چۇۋۇلغان]؛
- دەستارپىچ — پادىشاھنىڭ كىيىم - كېچىكىگە مەسئۇل ئەمەلدار؛
- دەستارخان — داستىخان؛