لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دەستاس — يارغۇنچاق؛
- دەستامۇز — قولغا ئۆگىتىلگەن ، كۆندۈرۈلگەن ، رام قىلىنغان ؛ ئۆيدە بېقىلغان؛
- دەستان — ؛1) داستان؛ 2) ھىيلە ، مىكىر ، نەيرەڭ ، قۇۋلۇق ، شۇملۇق ، ئالدام؛
- دەستاۋىز — گۇۋاھنامە ، ھۆججەت ، ئاساس ؛ بانا ، سەۋەب ؛ ئۇسۇل ، چارە؛ كىچىك تۆھپە، ئازغىنە خىزمەت؛
- دەستە — تۇتقا ، ساپ ، دەستە ؛ تۇتام ، توپ ، تىزىق ، دەستە (مىقدار)؛ [دەستە سىمگۇن --- كۈمۈش ساپلىق]؛
- دەستەفشانلىغ — ۋاز كېچىش ، قول سىلكىش ، مەرىدىن كېچىش؛
- دەستپاچە — ھۇدۇققان، تەمتىرىگەن ، ئالاقزادە بولغان، تىت - تىت بولغان؛
- دەستپىچ — مەھكەم تۇتۇش، قاماپ تۇتۇش ، قولغا ئوراش؛ سەۋەب ، بانا، ۋاسىتە ، چارە ، ئاساس ، ھۆججەت ، ماتېرىيال؛ [دەستپاچ قىلماق --- ق
- دەسترەس — قول يېتىش ، ئىمكانىيەت ، مۇمكىنچىلىك ، ئېرىشىش ئىمكانىيەتى؛ كۈچ ، قۇۋۋەت؛ [دەسترەس تاپماق --- ئىمكانىيەت تاپماق ، يېتىشم
- دەسترەنج — قول ئەمگىكى ، قول ئىشى ، قارا ئەمگەك ، مۇشەققەت؛
- دەستكار — ھۈنەر - سەنئەت ؛ ھۈنەرۋەن ئۇستا ؛ قولدا ياسىغان ، قول بىلەن ئىشلەپچىقارغان؛
- دەستگاھ — ئەسۋاب، قورال - جابدۇق، ئۈسكۈنە ، قۇدرەت ، ئىقتىدار؛ ھەشەمەت ، سۆلەت ؛ بايلىق؛ مال - مۈلۈك؛
- دەستگىر — ياردەمچى، قولداش ، قانات ئاستىغا ئالغۇچى ، قولغا ئېلىش ،قولغا چۈشۈرۈش؛ [دەستگىر قىلماق --- قولغا چۈشۈرمەك]؛
- دەستگىرلىق — ياردەمچىلىك ، قولداشلىق ، ھامىيلىق؛ قولغا چۈشۈرۈش؛
- دەستمايە — قولدا بار مال، ئەسلىدە بار بولغان مال - مۈلۈك ، دەسمايە ؛
- دەستۇپا — قول ۋە ئاياغ ، قول ۋە پۇت ؛ قابىلىيەت ، ئىقتىدار؛ [دەستۇپا ئۇرماق --- ئىنتىلمەك، تىرىشماق، ھەرىكەت قىلماق]؛
- دەستۇر — ؛1) يوسۇن، قائىدە ، ئادەت ، تەرتىپ - ئىنتىزام ، ئۈلگە ،ئۆرنەك ، نەمۇنە ، قانۇن، نىزام؛ 2) ۋەزىر ، ۋەزىرلىك ئەمىلى؛
- دەستۇرلۇغ — قوللانما ؛ يوسۇنلۇق؛
- دەستۇرۇلئەمەل — ئىش - ئەمەل قائىدەسى؛
- دەستىگاھ — ئىش ئۈستىلى؛سانائەتتە رەخت توقۇش ئىستانوگى؛
- دەستىمال — قول سۈرتكۈچ؛ ياغلىق؛ (مال - ئېيتقۇچى)؛
- دەستيار — ياردەمچى ، قولداش ، ھىمايىچى ، مۇرت؛
- دەشت — چۆل ، دەشت ، سەھرا ، باياۋان ، تۈزلەڭ؛ [دەشت تۇتماق --- چۆلدە تۇرماق]؛ [دەشت قەتئى --- دەشت كېزىش]؛
- دەشتبان — سەھرا كۆزەتچىسى؛ زىرائەت باققۇچى ، قاراۋۇل ، قورۇقچى؛