لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دەشتبانلىغ — قورۇقچىلىق ، جېسەكچىلىك، كۆزەتچىلىك؛
- دەشتپەيما — چۆل كەزگۈچى ، باياۋاندا يۈرگۈچى؛
- دەشترەۋ — چۆل كەزگۈچى، سەھرا ئايلانغۇچى ، باياۋاندا يۈرگۈچى؛
- دەشتنەۋەرد — چۆل كەزگۈچى، باياۋانلارنى ئايلانغۇچى، دەشتتە قالغان؛
- دەشنام — قاغاش ، سۆكۈش ، ئەيىپىنى بوينىغا قويۇپ ئۇيالدۇرۇش؛ دەشنام؛ [دەشنەم ئەتمەك ---دەشنام بەرمەك ، سۆكمەك]؛
- دەشنە — خەنجەر؛ [دەشنە يەمەك --- خەنجەر يېمەك]؛
- دەشنەئى خۇنرىز — قان تۆككۈچى خەنجەر ، قانلىق خەنجەر؛
- دەغا — ئالدام ، ھىيلە ، ساختا ، ھەييارلىق ، ھىيلىگەرلىك ، يالغانچىلىق؛
- دەغاباز — ئالدامچى ، ھىيلىگەر ، ساختىپەز ، يالغانچى؛
- دەغابازلىق — ئالدامچىلىق ، ھىيلىگەرلىك ، ساختىلىق ، يالغانچىلىق؛
- دەغەل — مەككار ، ئالدامچى ، ساختىپەز، ھىيلىگەر؛
- دەغەللىق — مەككارلىق ، ھىيلىگەرلىك ، كۆز بويامچىلىق؛
- دەغەلۋەش — مەككار سۈپەت ، ئالدامچىغا ئوخشايدىغان؛ كۆز بويامچىلىق، ساختا؛
- دەغدەغە — ؛1) قورقۇنچ ، دەھشەت ، تىنچسىزلىق ، تەشۋىش؛ 2)مايىللىق ، خاھىش ، ئىستەك؛
- دەفئ — قايتۇرۇش ، رەت قىلىش ، كەتكۈزۈش ، چېكىندۈرۈش؛ [دەفئ ئەيلەمەك، دەفئ ئەتمەك، دەائ قىلماق --- قايتۇرماق ، رەت قىلماق ، چېكى
- دەفئە — قېتىم ، نۆۋەت ، مەرتە؛
- دەفئە - دەفئە — قايتا - قايتا ، بىرنەچچە قېتىم ، كەينى - كەينىدىن؛
- دەفئى ئازار — ئازارنى قايتۇرۇش؛ [دەفئى ئازار ئەيلەمەك --- ئازارنى قايتۇرماق]؛
- دەفئى ئەتەش — تەشنالىقنى بېسىش؛
- دەفئى جۇنۇن — سەۋدايىلىقنى تۈگىتىش؛
- دەفئى مەلال — مالاللىقنى تۈگىتىش ، تىنچىتىش؛
- دەفائىن/دەفايىن — ؛«دەفىنە»نىڭ كۆپلۈكى : كۆمۈكلۈك خەزىنىلەر ، كۆمۈلگەن مال - دۇنيالار؛
- دەفاتىر — ؛«دەفتەر»نىڭ كۆپلۈكى : دەپتەرلەر؛
- دەفەئات — ؛«دەفئە»نىڭ كۆپلۈكى : قېتىملار؛