لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دەفەك — نىشان ، قارا ، مۆلچەر ؛ داپ؛
- دەفتەر — كىتاب ، يازمىلار توپلامى ، تۈپلەنگەن قەغەزلەر ، دەپتەر ، جىلت ، توم ؛
- دەفتەردار — دەپتەر تۇتقۇچى ، كاتىپ ، ھېساباتچى؛
- دەفن — كۆمۈش ، ئۆلۈكنى كۆمۈش؛ [دەفن ئەتمەك --- كۆممەك ، يەرلىككە قويماق]؛
- دەفىنە — كۆمۈلگەن خەزىنە ، كۆمۈپ قويۇلغان پۇل - بايلىق؛
- دەقايىق/دەقائىق — ؛«دەقىقە»نىڭ كۆپلۈكى: مىنۇتلار ؛ ئىنچىكە مەزمۇنلار، نازۇك مەنىلەر؛ تەپسىلات؛ [ھۈنەر دەقايىقى --- ھۈنەرنىڭ نازۇك تەرەپلىر
- دەققاق — تۈگمەنچى ، ئۇن سودىگىرى ؛ كۆچمە مەناسى: ئىنچىكىلىك بىلەن ئىش قىلغۇچى، نازۇك پەم كىشى، چوڭقۇر ئويلاپ ئىش ئالىپ بارغۇچى؛
- دەقىق — ئىنچىكە ، نازۇك ، چوڭقۇر مەنالىق؛ [دەقىق تەئەققۇللۇغ --- ئىنچىكە چۈشەنچىلىك،چوڭقۇر چۈشەنچىلىك ، ئۆتكۈر زېھنىلىك]؛ [نۇكتە
- دەقىقە — مىنۇت؛
- دەكاكىن — ؛«دۇككان»نىڭ كۆپلۈكى : دۇكانلار؛
- دەگە سەن — دېگەيسەن ، دېگىن؛
- دەگۈل — ئەمەس؛
- دەگۈنچە — دېگىنىچە؛
- دەگىن — ؛ «--غىچە- گىچە
- دەگىنچە — ؛«--- غىچە
- دەلالەت — باشلاش، كۆرسىتىش ، يولغا سېلىش؛ ئۈندەش؛ [دەلالەت قىلماق --- كۆرسەتمەك، بىلدۈرمەك، ئۈندىمەك]؛
- دەلايىل — ؛«دەلىل»نىڭ كۆپلۈكى: دەلىللەر ، ھۆججەتلەر ، ئاساسلار؛
- دەلتە — ئەقلى جايىدا بولمىغان؛ ئەقىل-ھۇشى كەملىك؛
- دەلدەلاماق — ئاچچىقلانماق؛
- دەلق — دەرۋىشلەرنىڭ كىيىمى ، تون؛ [سارىفلىق دەلق --- مەللەتون]؛ [ئەھلى دەلق --- دەرۋىشلەر]؛
- دەلقى پەشمىنە — يۇڭ تون ، جەندە؛
- دەلقى خىزرۋەش — كۆك تون؛
- دەلك — ئۇۋۇلاش ، تۇتۇپ قويۇش؛
- دەللاك — ھاممامدا (مۇنچىدا ) كىشىلەرنىڭ ئۇچىسىنى تۇتۇپ قويىدىغان ئادەم ،ئۇچا تۇققۇچى ، ئۇچا يۇغۇچى؛