لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دەرگەھنەشىن — قەسىردە ياشىغۇچى ؛ كۆچمە مەناسى: پادىشاھ؛
- دەرگەھنەۋرەد — شەھەر، قىشلاق كەزگۈچى ، ھەممە يەرنى ئايلانغۇچى؛
- دەرگۇمان — شۈبھىلەنمەك؛ گۇماندا بولماق؛
- دەرگىر — قوبۇل قىلغۇچى ، ئۆزىگە ئالغۇچى ، ئورۇنلىغۇچى ؛ مۇمكىن ؛
- دەرمان — كۈچ ، قۇۋۋەت؛ دورا ، داۋا، ئىلاج ، چارە؛ [دەرمان ئەتمەك، دەرمان قىلماق--- داۋالىماق، ئىلاج قىلماق]؛
- دەرماندە — قىيىن ئەھۋالدا قالغان، تەڭلىكتە قالغان ، گاڭگىراپ قالغان؛ نەس باسقان ، بىچارە؛ [دەرماندە بولماق، دەرماندە قالماق --- قىي
- دەرماندەلىق — قىيىن ئەھۋال، ئىلاجسىزلىق ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي قېلىش؛
- دەرمەھەل — شۇئاندا ، ئۆز ۋاقتىدا ، تېزدىن، دەرھال؛
- دەرمىيان — ئوتتۇرىدا ، ئارىدا؛
- دەرھەم — چېتىشقان ، چىرماشقان ، چېگىشلەشكەن ، توپلانغان ، ئارىلاشما ،ئەبجەش؛ قالايمىقان؛ [دەرھەم ئۇرماق --- توپلىماق]؛ [دەرھەم ئە
- دەرھەم(دەرەم)؛ — پۇل؛ ئاقچا؛
- دەرھەملىق — چىرماشلىق ؛ ئەبجەشلىك ، چىگەللىك؛
- دەرۇدىۋار — ئىشىك ۋە تام ، ھەممە تەرەپ؛
- دەرۋاقىئ — راستى بىلەن ئېيتقاندا ، راستىنى ئېيتقاندا؛ ئەمەلدە،ئەسلىدە ، ھەقىقەتتە؛
- دەرۋىش — دەرۋىش-- بۇ پارىسچە سۆز بۇلۇپ، "گاداي، پېقىر" دىگەن مەنالارغا ئىگە. ئىسلام دىنىدا تەسەۋۋوپ يولىغا كىرىپ، ئەمگەك قىلماي،
- دەرۋىشانە — دەرۋىشلەرچە ، دەرۋىشلەرگە ئوخشاش ، دەرۋىش مىجەز ، دەرۋىشلەرگە ئاتاپ قىلىنغان ئاش؛
- دەرۋىشۋەش — دەرۋىشكە ئوخشاش ، دەرۋىش سۈپەت؛
- دەرىجات — دەرەجە؛ مەرتىۋە.
- دەرىخ — ئىسىت؛ ئەپسۇس.
- دەرىغ — ئېچىنىش ، ئۆكۈنۈش ، رەت قىلىش ؛ ئاياش ؛ بېخىللىق ؛ ئېسىت ! ئەپسۇس! ئەتتەڭ !؛ [دەرىغ بولماق --- ئېچىنارلىق بولماق ، ئېچىن
- دەرىغا — ھەي ، ئېسىت! ۋاي دەرىخا! ئەپسۇس!
- دەرىي — ؛1) جىلغىدىكى ، جىلغىغا مەنسۇپ؛ تاغ ئاراسىدا ياشىغۇچى ، تاغ ئاراسىدا تۇرىدىغان؛ 2)قەدىمىي پارس تىلى؛
- دەرىيچە — كىچىك ئىشىك ، ئىشىكچە ؛ دېرىزە ، پەنجىرە ، رۇجەك؛
- دەريا — دېڭىز ، دەريا؛ [دەريا ئەتا --- كۆچمە مەناسى: ئالىي ھىممەت ، ئىنتايىن ھىممەتلىك، مورۇۋۋەتلىك (ئەينى : دەريا بېغىشلىغۇچى )