لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دەرخۇر/دەرخۇرد — لايىق ، مۇناسىپ ، ئەرزىيدىغان ، يارايدىغان؛ ماس ، مۇۋاپىق؛
- دەرد ئالۇد/دەرد پەرۋەر — كېسەل ، دەردمەن ، دەردكە چۆمگەن ، قايغۇلۇق؛
- دەرد پەرۋەرد — دەرد ئىچىدە ئۆسكەن ، دەردكە ئۇچرىغان ، دەرەمەن ؛
- دەرد پەيۋەند — دەردكە دۇچار بولغان، دەردلىك؛
- دەرد مەندانە — دەردكە پاتقان ، قايغۇغا چۆمگەن، دەردمەنلەرچە ، دەردمەنگە ئوخشاش؛
- دەردا/دەرداكى — دەردىمەي! ئاھ دەرد ! ئەپسۇس! دەرىخ ؛
- دەردمەند — دەردى بار ، قايغۇلۇق ، مۇڭلۇق ، كېسەل ، دەردمەن ، ئىشقى بار؛
- دەردمەندلىغ — قايغۇغا پاتقانلىق ، ئاشىقلىق؛
- دەردناك — دەردلىك ، قايغۇلۇق ، كېسەل ؛ ئىشىق ئوتىدا قالغان؛
- دەردى ئىشتىياق — سېغىنىش ئازابى ، سېغىنىش دەردى؛
- دەردىسەر — باش ئاغرىقى ، تەشۋىش ، قىيىنچىلىق ، ئېغىرچىلىق ؛
- دەرراك — ئەقىللىق ، ئىدراكلىق ، پەملىك، سەزگۈر، ھوشيار؛ [دەرراك تەبىئ --- زېھنى ئۆتكۈر]؛
- دەرراكى — ھوشيارلىق ، سەزگۈرلۈك ، ئىدراك؛ [قۇۋۋەئى --- چۈشىنىش قۇۋۋەتى]؛
- دەرران — يىرتقۇچى؛ يىرتقۇچ ، ۋەھشىي ، ياۋۇز؛ [شىرى دەرران --- يىرتقۇچ شىر]؛
- دەررە — ؛1) دەررە (ئادەم ئۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان دەستىلىك چەم پالاق )؛ 2)جىلغا، تاغ ئېغىزى؛
- دەرز — يېرىق، چاك، دەز؛ [دەرز ئەتمەك --- يارماق، دەز كەتكۈزمەك]؛ [دەرز- بەردەرز ---چاكمۇچاك، بىر - بىرىگە يېقىن ، زىچ؛
- دەرزىي — تىككۈچى، چاك تىككۈچى؛
- دەرزىيلىك/دەرزىيلىق — تىككۈچىلىك ، چاك تىككۈچىلىك ، بېخىچىلىك؛
- دەرس / يول / يۆنىلىش — ؛(1)دەرس ياكى ئوقۇش پروگرامماسى: تەربىيە ياكى ئوقۇتۇش مەقسەتىدە تەشكىللەنگەن بىر يۈرۈش ساباقلار (مەسىلەن، "ئىنگلىز تىلى
- دەرسگاھ — دەرسخانا، دەرس بېرىلىدىغان جاي؛
- دەرقەمتە بولماق — يۈزمۇ-يۈز بولماق؛
- دەرك — پەم - پاراسەت بىلەن تېپىش ، ئىدراك بىلەن سېزىش ، بىلىش؛ [دەرك ئەتمەك، دەرك قىلماق--- پەم - پاراسەت بىلەن تاپماق،سەزمەك ،
- دەركار — ياراملىق ، كارغا كېلىدىغان ، كېرەكلىك ، زۆرۈر ؛
- دەرگاھ — ئىشىك، بوسۇغا؛ ئوردا ، قەسىر ، ساراي؛ يۇقارى مەرتىۋەلىك كىشىلەرنىڭ تۇرار جايى؛ [ئالىي دەرگاھ --- ھەشەمەتلىك قەسىر ، مۇقە