لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دەرا — قوڭغۇراق؛
- دەراز — ئۇزۇن؛ [دەرازنەفەس --- ئۇزۇن نەپەس؛ كۆچمە مەناسى: ئەزمە ، گەپنى چايناپ ئۇزۇن سوزغۇچى]؛ [دەرازدەست --- قولى ئۇزۇن ، بەدەۋ
- دەراھىم — ؛«دىرھەم»نىڭ كۆپلۈكى: مەبلەغ ، تەڭگىلەر ، دەرەملەر؛
- دەرە — ئىككى تاغنىڭ ئارىلىقىدىكى تار يول ، جىلغا ، غول ، تاغ ئېغىزى؛
- دەرە(دەررە)؛ — كونا جەمئىيەتتە ئادەم ئۇرۇدىغان جازا قورالى.
- دەرەج (دەرەش)؛ — جۇۋالدۇرۇزنىڭ چوڭى؛
- دەرەجات — ؛«دەرەجە»نىڭ كۆپلۈكى : دەرەجەلەر ، مەرتىۋەلەر ، پەلەمپەيلەر؛ [رەفىئدەرەجات، رەفىئول دەرەجات --- يۈكسەك دەرەجەلەر، يۇقارى
- دەرەجە — پەللە ، پەلەمپەي ، ئورۇن ، مەرتىۋە، گىرادۇس؛
- دەرەخ — دەرەخ-- يىلتىزى، غولى، شاخلىرى ۋە يوپۇرماقلىرى بار، كۆپ يىللار ياشايدىغان ئۇلۇغ ئۆسۈملۈك. دەرەخلەر ئوكسىگېن چىقىرىش، مۇھ
- دەرەخش — پارقىراش ، پارلاش ، نۇر ، چاقماق، چېقىن؛
- دەرەخشان — [دەرەخشان=دەرەخشەندە/دەرەفشان/دۇرەخشان]؛ روشەن ، يالتىرايدىغان ، پارقىرايدىغان ، جۇلالىق ، پال - پۇل قىلىپ تۇرىدىغان، پا
- دەرەخشەندەلىق — پارلاقلىق ، پارقىراقلىق؛
- دەرەك — تۇرۇق ، ھالەت ، مۇئامىلە ، مۇناسىۋەت ؛ خەۋەر؛
- دەرەندە — ۋەھشىي ، يىرتقۇچ ؛ يىرتقۇچ ھايۋان؛
- دەرەنگ — ئاستا ھەرىكەت قىلىش، سۇسلۇق ؛ كېچىكىش، ھايال بولۇش، توختاش؛ [دەرەنگ قىلماق --- ھايال بولماق ، كېچىكمەك ، توختىماق]؛
- دەرەنگى — كېچىكىش ، توختاش ، ھايال بولۇش؛ [دەرەنگى قىلماق --- توختىماق]؛
- دەربان — دەرۋازىۋەن، ئىشىك باقار، دەرۋازا ساقچىسى؛ [دەربانى فەلەك --- ئاسمان ساقچىسى؛ كۆچمە مەناسى: قۇياش]؛
- دەربايىست — كېرەك ، لازىم ، زۆرۈر ؛ ئېھتىياجلىق ، مۇۋاپىق ، ماس؛ [دەربايىست بولماق --- كېرەك بولماق ، لازىم بولماق ، مۇۋاپىق بولماق]
- دەربەدەر — سەرگەردان، ماكانسىز ؛ قەلەندەر ؛ بىكار تەلەپ ، لاغايلاپ يۈرگۈچى؛
- دەربەدەرلىق — سەرگەردانلىق ، ماكانسىزلىق ؛ قەلەندەرلىك ؛
- دەربەست — ھەممە ، ھەممەسى ، پۈتۈنلەي ، تامامەن؛
- دەربەند — دەرۋازا ، ئىشىك ئالدى ؛ دەرۋازا ئۆيى ، قەلئە ، تاغ ئېغىزى؛ [قەلئە دەربەند --- قەلئە دەرۋازىسى]؛
- دەرج — بايان قىلىش ، قەيت قىلىش ، كىرگۈزۈش ، قوشۇش ، تىزىملاش؛ يۆگەلگەن خەت؛ مۇندەرەجە؛ [دەرج قىلماق، دەرج ئەتمەك --- بايان قىل
- دەرخاست — ئىلتىماس ، تەلەپ ، ئۆتۈنۈش؛ [دەرخاست قىلماق --- ئىلتىماس قىلماق ، سورىماق ، تەلەپ قىلماق]؛