لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دەبدەبە — تەنتەنە ، داغدۇغا ، ھەيۋەت ؛ يۇقارى ئاۋاز ، داقا - دۇمباق ئاۋازى؛
- دەبقۇر — قېتىم ، مەرتەم ، نۆۋەت؛ [يەتى دەبقۇر --- يەتتە قېتىم ، يەتتە مەرتەم]؛
- دەبۇر — غەرپ شامىلى ، غەرپتىن شەرققە سوقىدىغان شامال؛
- دەبىر — كاتىپ ، مىرزا ، قەلەمكەش؛ كۆچمە مەناسى: مېركۇرى يۇلتۇزى ؛
- دەبىرىستان — يېزىش ئۆي؛ كۆچمە مەناسى: مەكتەپ ؛ [دەبىرىستان ئەھلى --- مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى]؛
- دەبىستان — ئەدەپ ئۆگىنىش ئۆيى؛ ئوقۇش ئۆيى؛
- دەپ شەيئەلىللا — خۇدا يولىدا تەلەپ قىلىپ؛
- دەپتەردار — بىر دەۋلەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى بېجىرگۈچى ئالى مەمۇر، ئەمەلدار. بوغالتېر(بوغالتىر).
- دەپسەمەك — دەسسىمەك ، ئاياغ ئاستى قىلماق، دەسسەپ تۇرماق؛
- دەپمەك — تەپمەك؛
- دەپنى — يوق قىلىش، قايتۇرۇۋېتىش؛ئىتتىرىپ چىقىرۋېتىش.
- دەپىن — توپا ئىچىگە (گۆرگە) كىرمەك، كۆممەك؛
- دەتتە-دەتتە — تەدرىجى؛ پەيدىن-پەي.
- دەججال — دەججال--ئالدامچى، ھىيلىگەر،كاززاپ دىگەن مەنالاردا ئىشىلتىلىدۇ؛ دىنىي رىۋايەت بويىچە ، زامان ئاخىر بولۇش ئالدىدا پەيدا بو
- دەخل — كىرىش ، سوقۇنۇش ، ئارىلىشىش ، مۇناسىۋەتتە بولۇش ، ئالاقە؛ كىرىم ،تاپاۋەت؛ [دەخل ئەيلەمەك --- كىرمەك ، ئارىلاشماق ، سوقۇن
- دەخى — تېخى، يەنە؛
- دەخىل — ئارىلاشماق؛ توسالغۇ بولماق؛تەسىر قىلماق؛
- دەخىل تەرۇز — توسقۇن بولماق ؛ ئارىلاشماق.
- دەد — ياۋايى ھايۋان، يىرتقۇچ ؛
- دەدەك — دېدەك ، چۆرى ، قۇل ، ئايال؛
- دەدۇدام — ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆي ھايۋانلىرى؛
- دەدۇۋەھش — بارلىق يىرتقۇچ ھايۋانلار؛
- دەر — ؛1) ئىشىك ؛ 2) سۆزلەرنىڭ بېشىغا قوشۇلۇپ ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ؛ [دەرخاتىر --- كۆڭلىدە]؛ [دەرئاخىرەت --
- دەر بەدەر — ئىشىكمۇ-ئىشىك؛ كىشىلەر ئىشىكىدە.