لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىچماق — پىچماق ، قىيماق، كەسمەك ، ئورماق؛
- بىچۇنۇبىبىدايە — تەڭسىز ۋە ئەزەلىي؛
- بىچۈن — مىسلىسىز ، تەڭداشسىز؛
- بىچىن — ؛1) بىجىن؛ 2)قورغان ، دەرۋازا؛
- بىخ — نىگىز ، تومۇر ، يىلتىز؛
- بىخاب — ئۇيقۇسىز ؛ ئويغاق؛
- بىخار — تىكەنسىز؛
- بىخاست — توساتتىن ، ئىختىيارسىز ، كۈتۈلمىگەندە ؛ ئويلىماستىن؛ سورىماستىن؛
- بىخانۇمان — ئۆي - جايى يوق ، ئۆي - ماكانسىز ؛ سەرگەردان ،سەرسان ؛ يوقسۇل؛
- بىخانۇمانلىق — ئۆي - جايسىزلىق ، كەمبەغەللىك ؛ سەرسانلىق ،سەرگەردانلىق؛
- بىخەتەر/خەتەرسىز; ساندۇق — Safe(ئىسىم/سۈپەت)--سۈپەت شەكلىدە: خەتەردىن، زىياندىن، ئاۋارىچىلىقتىن يىراق، بىخەتەر، ئامان، ئىشەنچلىك مەنالىرىنى بىلدۈرى
- بىخەتەرلىك — Security(ئىسىم)-- خەتەر، تەھدىت ياكى زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش، قوغدىلىش ھالەتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز كىشىلەرنىڭ جان-مال بىخ
- بىخەسارەت — زىيانسىز ، زىيان - زەخمەت يەتمىگەن؛
- بىخەستە — بىپەرۋا؛ ئېھتىياتسىزلىقى
- بىخەلەل — كاشىلىسىز ، زەرىر يەتمىگەن ؛ مۇستەھكەم ، مەھكەم؛
- بىخەير — خەيرلىك ، ياخشى ، ئوبدان ، ساز ، جايىدا؛
- بىخوردۇخاب — يېمەي - ئىچمەي ۋە ئۇخلىماي؛
- بىخۇت — خۇدىنى يوقاتقان؛ پەرۋاسىز.
- بىخۇد — ھوشىدىن كەتكەن ، بىھوش، ئۆزىدىن كەتكەن ، خۇدىنى بىلمەيدىغان؛ [بىخۇد ئولماق ---بىھوش بولماق ، ئۆزىدىن كەتمەك]؛
- بىخۇدانە — ھوشسىزلارچە، بىھوشلارچە ، ھوشسىزلىق بىلەن؛ [فىغانى بىخۇدانە --- ھوشسىزلارچە تارتىلغان پىغان]؛
- بىخۇدلۇق/ بىخۇدلۇغ — بىھوشلۇق ، ھوشسىزلىق؛ دىۋانىلىق؛
- بىخۇمار — خۇمارسىز ، خۇمارى تۇتمايدىغان؛
- بىخىرەد — ئەقىللىق ، ھوشيار ، سەزگۈر ، بىلىمدان ، دانىشمەن؛ [بىخىرەد پىسەند --- ئاقىللىقلارغا يارارلىق]؛
- بىخىرەدلىغ — ئەقىلسىزلىق ، نادانلىق ، دۆتلۈك؛