لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىتتەبئ — ئۆز تەبىئەتى بىلەن ، تەبىئىي ھالدا ؛ ئۆز خاھىشى بىلەن؛
- بىتتەفسىل — ئەتراپلىق ، تەپسىلىي ، تولۇق ؛ تەپسىلاتى بىلەن ، تەپسىلىي ھالدا؛
- بىتتەۋئ — ئىستەك بىلەن ، قىزغىنلىق بىلەن ، رىغبەت بىلەن؛
- بىتچەگە — كىچىكىنە؛
- بىتدىكلەر — يازسۇن؛
- بىتكۈچى — كاتىپ ، كۆچۈرگۈچى ؛ ئەسەر يازغۇچى ئاپتور ، مۇئەللىپ؛
- بىتمەك/ بىتىمەك — ؛1)يازماق ، پۈتمەك ، خەت يازماق؛ 2)تۈزەلمەك،ساقايماق (يارا ، جاراھەت توغراسىدا )؛ 3)بۈتمەك؛
- بىتۇغ — دەرگاھ؛ پەرمان؛ بۇيرۇق
- بىتۆش — مال - مۈلۈكسىز ؛ كۈچسىز ، مادارسىز؛ [ بىتۆشتاب --- كۈچ - قۇۋۋەتسىز]؛
- بىتۆشە — ئوزۇقسىز ، تەمىناتسىز ؛ قورال - ياراقسىز؛
- بىتۆشەلىق — ئوزۇقسىزلىق ، تەمىناتسىزلىق ، كېرەك - ياراقسىزلىق؛
- بىتىك/ بىتىگ — خەت ، مەكتۇب؛ كىتاب؛
- بىتىكچى — ؛1) قەلەمكەش ، كاتىپ؛ [ئۇلۇغ بىتىكچى --- باش كاتىپ]؛ 2)قەبىلە نامى؛
- بىتىكلىك — يېزىلغان؛
- بىتىلمەك — ؛1) يېتىلمەك ، مېۋىگە كىرمەك ؛ ئۈنمەك؛ 2)يېزىلماق ، رويخەتكە ئۆتمەك، تىزىملانماق،ئەنگە ئېلىنماق؛
- بىجا — ئىجرا قىلماق؛ ئورۇنلىماق
- بىجادە/ بىجاد — ياقۇتنىڭ بىر خىلى؛
- بىجان — جانسىز ؛ نازۇك ، كۈچسىز؛ [بىجان قىلماق --- جانسىزلاشتۇرماق]؛
- بىجانىدىل — پۈتۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋەت بىلەن؛
- بىجەزب — تارتىش قۇۋۋەتى يوق، جەزبىسىز ؛ كۆڭۈل تارتمايدىغان ،مەپتۇن قىلالمايدىغان؛
- بىجۇرم — گۇناھسىز ؛ ئەيىبكار ئەمەس ، جىنايەتچى ئەمەس؛
- بىجىد — جىددىي ، ئەستايىدىل ، قەتئىي ؛ ئىجتىھات بىلەن ، تىرىشىپ ؛
- بىجىھەت — سەۋەبسىز ، ئورۇنسىز؛
- بىچقى — ھەرە؛