لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىتابۇ تەۋان — كۈچسىز ، مادارسىز ؛ كېسەل؛
- بىتاپ — ساقسىزلىق؛ مىجەز يوقلۇقى؛ ھارغىنلىق؛ دەرگاھ؛ پەرمان؛ بۇيرۇق
- بىتەئەب — مۇشەققەتسىز ، جاپا چەكمەيلا ، قىينالماستىن؛
- بىتەئەممول — ئويلىماستىن ، مۇلاھىزىسىز؛
- بىتەئەييۇن — كۆزگە كۆرۈنمىگەن ، شۆھرەتسىز؛ ئېنىقىسىز، تايىنى يوق؛ ئۆزلۈكىدىن كەچكەن؛
- بىتەخەللۇس — ؛1) تەخەللۇسسىز ، لەقەبسىز؛ 2)تەخەللۇسلۇق ، تەخەللۇس قوللانغان؛
- بىتەخەللۇف — غىلاپسىز ، توپتوغرا ، ناھايىتى توغرا ، شامال كىرمەيدىغان؛ بەك ئەستايىدىل؛
- بىتەرىق — يولسىز، ئورۇنسىز؛ يولدىن ئاداشقان ، ئازغۇن ، گۇمراھ ،يولىنى يوقاتقان؛
- بىتەفئ — پايداسىز ، نەپسىز؛
- بىتەقرىب — ئېنىقسىز ؛ سۈرۈشتۈرمەيلا ، ئېنىقلىمايلا؛
- بىتەكەللۇف — مۇشەققەتسىز ؛ ھەشەمەتسىز ، ئاددىي؛ ئارتۇقچە ئۇرۇنماستىن، تەكەللۇپسىز؛
- بىتەكەللۇفانە — ئاددىي ، تەكەللۇپسىز ، ھەشەمەتسىز ھالدا؛
- بىتەكەللۇفلىق — ئاددىي - ساددىلىق ، ھەشەمەتسىزلىك، تەكەللۇپسىزلىق؛
- بىتەمام — پۈتۈنلەي ، بارلىق ، ھەممە ؛ تولۇق؛
- بىتەمامىھا/ بىتەمامىھى — پۈتۈنلەي ، تامامەن ، ھەممەسىنى («ھە» ئايال سىغىلىق شەيئىلەرنى كۆرسىتىدۇ)؛
- بىتەمكىن — قارارسىز ، سەۋرىسىز ؛ ئالدىراڭغۇ ، مىجەزى ئىتتىك؛
- بىتەھاشى — قورقماس ، پەرۋاسىز ؛ قورقماي ، ھېيىقماي؛
- بىتەھەررۈك — ھەرىكەتسىز ؛ [بىتەھەررۈك بولماق --- قىمىرلىماي تۇرماق ، جىمجىت تۇرماق]؛
- بىتەھەممۇل — سەۋرسىز ، تاقەتسىز ، ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرەلمەيدىغان ،چىدامسىز ؛ تېزدىن ، ئويلاپ،تۇرماستىنلا؛
- بىتەھەممۇللۇق — چىدامسىزلىق ، تاقەتسىزلىك ، بىتاقەتلىك؛
- بىتەۋەققۇف — توختاپ تۇرماستىن ، توختاۋسىز ، ئۈزۈكسىز؛
- بىتەۋەككۈل — تەۋەككۈل قىلماستىن؛
- بىتەۋەھھۇم — قورقۇنچسىز ، ۋەھىمىسىز ، ۋەھىمە چەكمەستىن ،قورقماي؛
- بىتەۋجىھ — كۆڭۈل بۆلمەيلا، دىققەت قىلماستىنلا : ئېتىبارسىزلا؛دىققەتسىز ؛ بىر مەسىلە ياكى ئىشنى توغرا ئىزاھلىيالماسلىق؛