لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىئىنتىھا — تۈگىمەس ، پايانسىز ، چېكى يوق؛
- بىباك — ھېيىقمىغۇچى، قورقمىغۇچى ، تارتىنمىغۇچى ؛ ھاياسىز ، پەرۋاسىز،بەڭباش ؛ قورقماس؛
- بىباكانە — قورقماستىن ؛ تەپ تارتماستىن ، ھاياسىزلارچە؛
- بىباكلىك — پەرۋاسىزلىق ، بەڭباشلىق ، تەپ تارتماسلىق ، ھاياسىزلىق؛ قورقماسلىق؛
- بىبەدەل — مىسلىسىز ، تەڭداشسىز؛
- بىبەر — مېۋىسىز ، ھوسۇلسىز ، نەتىجەسىز؛ مۇچ؛
- بىبەرگ — ياپراقسىز ، يوپۇرماقسىز ؛ بەھرىسىز ، مېۋىسىز ، نەتىجەسىز؛ئاجىز ، كۈچسىز؛
- بىبەرگلىك — بەھرىسىزلىك ، مېۋىسىزلىك ، نەتىجەسىزلىك ؛ بىچارەلىق؛ئاجىزلىق؛
- بىبەرلىك — مېۋسىزلىك، ھوسۇلسىزلىق؛
- بىبەسەر — كۆزسىز ، كۆزى يوق ، كور ،نادان ، ئەخمەق، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان؛
- بىبەسەرلىق — نادانلىق ، ئەخمەقلىق ، كورلۇق ، قارغۇلۇق؛ [بىبەسەرلىق قىلماق --- نادانلىق قىلماق]؛
- بىبەك — كۆزنىڭ قارىچۇقى ؛ پەرزەنت ، بالا؛
- بىبونياد — ئاساسسىز يوق بولغان؛
- بىبۇنياد — ئاساسسىز ، يىلتىزسىز ، نىگىزى يوق ، تۈۋىسىز؛
- بىبۇنيادلىغ — ئاساسسىزلىق ، ئوخشاشماسلىق؛
- بىبىزائەت — بىساتسىز، مال-مۈلۈكسىز، مالسىز،كەمبەغەل؛
- بىبىيم — خەۋپسىز ، قورقۇنچسىز؛
- بىپايان — بىپايان، چەكسىز ؛ تولىمۇ كەڭ ، ئىنتايىن كۆپ؛
- بىپايانلىق — بىپايانلىق، چەكسىزلىك ، سانسىزلىق؛
- بىپەرتەۋ — نۇرسىز ، شولىسى يوق ، يالقۇنسىز؛
- بىپەيۋەند — ئالاقىسىز ، باغلىنىشسىز ، باغلانمىغان؛
- بىپەيۋەندلىغ — باغلىنىشسىزلىق ، چېتىلمىغانلىق ، ئۇلانمىغانلىق؛
- بىتاب — ؛1) بىتاقەت، بىئارام، كۈچسىز ، دەرمانسىز؛ 2)نۇرسىز ، خىرە؛ ھارارەتسىز؛ تاۋلانمىغان؛
- بىتابلىغ — ؛1) كېسەللىك ، ئاغرىقچانلىق؛ 2)نۇرسىزلىق، خىرەلىك؛ ھارارەتسىزلىك؛