لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىئازەرم — بىتاقەت ، بىقارار ؛ رەھىمسىز ، شەپقەتسىز ؛ ئۇياتسىز ، ھاياسىز؛
- بىئەت — ھۆكۈم
- بىئەدىل — تەڭدىشى يوق ، مىسلىسىز؛
- بىئەمەل — ئەمەل قىلمايدىغان؛
- بىئەندازە — ئۆلچەمسىز ، ئەندىزىسىز ؛ چېگراسىز ، چەكسىز ، تولىمۇ؛
- بىئەندام — كېلىشمىگەن ، سىياقسىز ، قوپال؛
- بىئەۋن — ياردەمسىز ، مەدەتسىز؛
- بىئەۋنىللاھ — ئاللاھنىڭ يارىسى بىلەن؛
- بىئەينىھ/ بىئەينىھى — بەئەينى ، ئەينەن ، خۇددى ئۆزى؛
- بىئوسفېرا — Biosphere(ئىسىم)--يەر شارىدىكى بارلىق تىرىك ئورگانىزملار ۋە ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك مۇھىتىنى (ئاتموسفېرا، گىدروسفېرا، لىتوسف
- بىئوگرافىيە(تەرجىمىھال، ھاياتنامە) — Biography(ئىسىم)--بىر كىشىنىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ئۆلۈمىگىچە (ياكى ھازىرغىچە) بولغان ھاياتى، ئەمگىكى، ئەھۋالى، باشتىن كەچ
- بىئولوگىيە — جانلىق ئورگانىزىملارنىڭ ھاياتى ۋەئۆسۈش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ھايۋانات، ئۆسۇملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزىمىلار
- بىئىئتىدال — نورمالسىز ، مۆتىدىل ئەمەس ، ئۆز لايىقىدا بولمىغان؛بىقارار ، تەرتىپسىز؛
- بىئىئتىداللىق — نورمالسىزلىق؛
- بىئىئتىماد — تايانچسىز، يۆلەنچۈكسىز ؛ ئىشەنچسىز؛
- بىئىئتىنا — ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، ئېتىبار قىلماسلىق ؛ دىققەت قىلماسلىق، بىپەرۋا؛
- بىئىبا — ئىزا تارتماس ، ئۇيالماس ، تەپ تارتماس ، نومۇس قىلمايدىغان؛تەپ تارتماستىن ، ئۇيالماستىن]؛
- بىئىجتىناب — تارتىنماي ، ئۆزىنى قاچۇرماي ؛ تارتىنماس ، ئۆزىنى قاچۇرمايدىغان؛ پەرھىز تۇتمايدىغان ؛زەبەردەست؛
- بىئىزنىللاھ — ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن؛
- بىئىستىتائەت — قۇدرەتسىز،قابىلىيەتسىز،كۈچسىز،زەئىپ؛
- بىئىشتىباھ — شەكسىز ، شۈيھىسىز ؛ ئېنىق؛
- بىئىكراھ — زورلاشسىز ، مەجبۇرسىز ، ئىختىيارىي؛
- بىئىنايەت — مەرھەمەتسىز، رەھىمسىز؛
- بىئىنتىقال — يۆتكەلمەيدىغان ، قىمىرلىمايدىغان ؛ تەۋرىمەس ، كۆچمەس؛