لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىخىش — ئۇرۇق - تۇغقانسىز ؛ بىھوش، ئۆزىنى يوقاتقان؛
- بىخىشانە — ياتلارچە ؛ ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا ، تەلۋىلەرچە؛
- بىخىلاق — قارشىلىقسىز ، توسقۇنسىز؛ خىلاپسىز؛
- بىد — تال . سۆگەت؛
- بىدئەت — يېڭىلىق ، يېڭى پەيدا بولغان ئادەت ؛ دىنىي ئەنئەنەۋى قاراشلارغا كىرگۈزۈلگەن ئىسلاھ،يېڭى ئادەت؛
- بىداد — جەۋر ، زۇلۇم ؛ ئادالەتسىزلىك؛
- بىدادفەن — زۇلۇم - سىتەمگە ئادەتلەنگەن ، زومىگەر؛ [چەرخى بىدافەن --- زالىم پەلەك ، سىتەمكار پەلەك]؛
- بىدادگەر — زالىم ، زۇلۇم قىلغۇچى ، ئەزگۈچى ، ئادالەتسىز ؛
- بىدادۇ رىۋ — زۇلۇم ، ھەقسىزلىك ۋە ھىيلە ؛ ئالدام؛
- بىدار — ئويغاق ؛ سەزگۈر! ھۇشيار.
- بىدار — ئويغاق ، ھوشيار؛ [بىدار ئەيلەمەك ،بىدار ئەتمەك --- ئويغاتماق]؛
- بىدارلىق — ئويغاقلىق ، ھوشيارلىق؛
- بىداۋ — چاپقۇر ئات؛
- بىدايەت — باشلىنىش ، باشلانما ، ئىپتىدا؛ ئەۋۋەل؛
- بىدەرەڭ — توختاۋسىز ، ئۈزۈكسىز ، توختىماي ؛ تېز ، تېزلىك بىلەن؛
- بىدەرد — ئاغرىقسىز ، دەردسىز . ئىشقسىز . مۇھەببەتسىز؛
- بىدەرىغ — كەڭ قوللۇق بىلەن ، ھېچنېمىسىنى ئايىمىغان ھالدا ، مەردانىلىق بىلەن؛
- بىدەست — قولسىز؛
- بىدەستۇپاي — قول - ئاياقسىز . ياردەمسىز ، يارەمچىسىز؛
- بىدەۋلەت — بەختسىز ، بىتەلەي؛ كارغا كەلمەس، لەقۋا؛
- بىدىل — دىلى سۇنۇق ، روھسىز ، چۈشكۈن ، يۈرەكسىز ، قورقۇنچاق ؛ قايغۇلۇق، ھەسرەتلىك ئاشىق؛
- بىدىللىغ — يۈرەكسىزلىك ، قورقۇنچاقلىق ؛ روھى چۈشكۈنلۈك ؛ زەئىپلىك؛ ئاشىقلىق؛
- بىدىماق — كەيىپسىزلىك؛ كۆڭۈل بىئاراملىقى؛ كۆڭۈل غەشلىگى.
- بىدىيانەت — ۋىجدانسىز ، ئىنساپسىز ، نومۇسسىز ؛ دىنسىز؛