لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەزداد — ؛«زىدد»نىڭ كۆپلۈكى: زىتلىقلار ، مۇخالىپلار ، قارىمۇقارشىلار؛ رەقىبلەر؛
- ئەزرائ/ئۇزرا — پاك قىز ، ئىپپەتلىك قىز ؛ مەھبۇبە ؛ ۋامۇقنىڭ مەشۇقى؛
- ئەزرائىل — Azrael-- ئىسلام، يەھۇدىي ۋە بەزى خىرىستىيان ئەنئەنەلىرىدە جانلارنى ئېلىش ۋەزىپەسى بىلەن مۇكەللەپ قىلىنغان مالائىكە ياكى
- ئەزرەق — كۆك رەڭ ، يېشىل ؛ ئاسمان؛ [سىپەھرى ئەزرەق-- كۆك ئاسان]؛
- ئەززە ۋە جەلل — ئەزىز ۋە ئۇلۇغ، شەرەپلىك(ئاللاھنىڭ سۈپەتى)؛
- ئەزفەر — ئۆتكۈر ھىدلىق ، كۈچلۈك پۇراقلىق ؛ تازا ، پاك؛
- ئەزكىيا — ؛«زەكىي» نىڭ كۆپلۈكى: زېرەكلەر ، زەكىيلەر ، دانالار؛
- ئەزگۈ — ياخشى، ئوبدان؛
- ئەزگۈلەنمەك — ياخشى بولماق ، بەختلىك بولماق ، شەپقەتلىك بولماق؛
- ئەزگۈلۈك — ياخشىلىق ، بەخت ؛ شەپقەت؛
- ئەزل — بوشىتىش، مەنسەپتىن چۈشۈرۈش؛ [ئەزل ئەيلەمەك،ئەزل ئەتمەك، ئەزل قىلماق-- بوشاتماق، مەنسەپتىن چۈشۈرمەك]؛
- ئەزلۇفەۋت — چەتلىتىش ۋە ئۆلتۈرۈش ، ئەمىلىىنىمۇ،جانىنىمۇ ئېلىش؛
- ئەزم — قەست قىلماق؛ مەقسەت قىلماق؛ ماڭماق.
- ئەزم — ؛1) سۆڭەك؛ 2) نىيەتلىنىش ، ئىنتىلىش ؛ يۈرۈش ، مېڭىش ، جۆتەش؛[ئەزم ئەتمەك، ئەزم ئەيلەمەك-- بىرەر ئىشقا نىيەتلەنمەك، تۇتۇش
- ئەزمى تەسبىھۇ مۇسەللا قىلماق — تەسۋى بىلەن جەينامازغا ئىنتىلمەك؛
- ئەزمى راھ — يولغا چىقىش؛
- ئەزمى رەمىم — چىرىگەن سۆڭەك؛
- ئەزمى سەما — ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈش؛
- ئەزمى سەيد — ئوۋغا چىقىش؛
- ئەزمى ۋەتەن — ۋەتەنگە قايتىش؛
- ئەزمىنە — ؛«زەمان»نىڭ كۆپلۈكى: زامانلار،ئەسىرلەر؛
- ئەزھا — قۇربانلىق؛قۇربان؛ [ ئېيدى ئەزھا-- قۇربان ھېيت]؛
- ئەزھار — ؛«زەھر» نىڭ كۆپلۈكى: چېچەكلەر ، گۈللەر؛
- ئەزھان — ؛« زېھىن» نىڭ كۆپلۈكى : زېھىنلەر ، پەم - پاراسەتلەر؛