لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەزھەر — ئەڭ ئوچۇق ، ئىنتايىن روشەن ، ئەڭ پارلاق؛
- ئەزۇبەت — شىرىنلىك، تاتلىقلىق؛
- ئەزۋاج — ؛«زەۋج»نىڭ كۆپلۈكى: جۈپلەر ، ئەر - خوتۇنلار؛
- ئەزۋاق — ؛«زەۋق»نىڭ كۆپلۈكى : زوقلار ، سۆيۈنۈشلەر؛
- ئەزىتماق — ئازىتماق؛
- ئەزىز — ئىززەت ئىگەسى؛ مۆھتەرەم؛ مۇبارەك.
- ئەزىز — ئەزىز ، قەدىرلىك ، قىممەتلىك ، ھۆرمەتلىك ، سۆيۈملۈك ؛ شەرەپلىك ،ئالىيجاناب ؛ ئۇلۇغ،يۈكسەك ، نادىر ، كۈچلۈك؛
- ئەزىقماق — ئازىقماق؛
- ئەزىم — ئۇلۇغ ، بۈيۈك ، زور ، كاتتا؛ [ئەزىم مەئبەد-- كاتتا ئىبادەتخانا]؛ (قەدىم دېگەن مەنىدىمۇ قوللىلىندۇ)؛
- ئەزىمەت — ئۇلۇغلۇق؛ كاتتا، باتۇر.
- ئەزىمەت — يولغا چىقىش ، قوزغىلىش ، مېڭىش ، كېتىش ؛ نىيەت قىلىش،ئىرادە باغلاش؛ [ئەزىمەت قىلماق، ئەزىمەت ئەيلەمەك -- كەتمەك ، ماڭماق
- ئەزىمۇششان — يۇقارى مەرتىۋەلىك ، يۇقارى دەرەجەلىك؛
- ئەزىمۇل جۇسسە — غايەت زور گەۋدىلىك ، قامەتلىك ، زور تىپتىكى؛
- ئەزىيەت — جاپا-مۇشەققەت.
- ئەزىييات — ؛«ئەزىييەت» نىڭ كۆپلۈكى: ئارازلار، ئازاب-ئۇقۇبەتلەر؛
- ئەژدەر ئاسا — ئەجدىھاغا ئوخشاش؛
- ئەژدەھا كۇش — ئەجدىھا ئۆلتۈرگۈچى؛ قورقماس ، باتۇر؛
- ئەسئەب — ئەڭ قىيىن ، ئىنتايىن قىيىن ، ئەڭ مۈشكۈل؛
- ئەسئەت — ئىنتايىن بەختىيار.
- ئەسئەد — ئەڭ بەختلىك ، ئىنتايىن بەختىيار؛
- ئەسا — ھاسا ، تاياق ؛
- ئەساپقۇر — قوينىڭ دولا سۆڭىكى ؛
- ئەساتىر — ؛«ئۇستۇرە» نىڭ كۆپلۈكى : رىۋايەتلەر ، چۆچەكلەر،ئەپسانەلەر؛
- ئەسارەت — ئەسىرلىك ، تۇتقۇنلۇق ، قۇللۇق ، ئاسارەت؛