لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەرىغسىز — پاسكىنا ، ناپاك؛
- ئەرىغلىغ — ؛1) ئېرىقتىكى ، ئېرىقتا ئاقىدىغان؛ 2) پاكىزلىق ، پاكلىق ، تىنىقلىق؛
- ئەرىك — ؛1) كۈچ ، قۇدرەت؛ كۈچلۈك ، قۇدرەتلىك ، ئەركىن . 2) يىرىك، قاتتىق، زور، يوغان، كاتتا؛
- ئەرىڭ — يىرىڭ؛
- ئەرىڭلەمەك — يىرىڭلىماق؛
- ئەرىلمەك — تازىلانماق ، پاكىزلانماق ؛ ئايرىلماق ، قۇتۇلماق؛
- ئەرىم — ئۈمىد ، ئارزۇ ، ئىستەك ؛
- ئەرىمەك — ؛(1) پاكىزلانماق ، تازىلانماق ، پاك بولماق؛ (2) ئېرىماق ، يۇيۇلماق ، تۈگىمەك؛
- ئەرىن — ؛1) كالپۇك ، لەۋ؛ 2) ئورمان ، توقاي ، جاڭگال؛[شىرى ئەرىن--جاڭگال ئارسلانى ، ئورمان شىرى]؛
- ئەز — ئۇيغۇرچىدىكى چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى «دىن،تىن» رولىدىكى سۆز؛[ئەز رويى لۇتف--ياخشىلىق يۈزىسىدىن]؛ [ ئەز تەھى دىل--ئەستايىدى
- ئەزائىم/ئەزايىم — ؛«ئەزىمە»نىڭ كۆپلۈكى : دۇئالار ؛ قارغىشلار ؛ ئەپسۇنلار ؛
- ئەزاب — ئەلەم ، ئاغرىق ، ئازاب؛
- ئەزازۇل — ئىبلىس؛ شەيتان.
- ئەزازىل — شەيتاننىڭ ئەسلىي ئىسمى؛
- ئەزالىق — Membership(ئىسىم)--بىر تەشكىلات، گۇرۇھ، جەمئىيەت ياكى ئىتتىپاققا رەسمىي ئەزا بولۇش ھالەتىنى، ھوقۇقىنى ۋە مۇناسىۋەتىنى بى
- ئەزەربەيجان — ئەزەربەيجان جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا جايلاشقان دەۋلەت، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا قىتئەلىرىنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدا. پايتەختى ۋە ئ
- ئەزەل — باشلىنىشى مەلۇم بولمىغان ئۆتكەن زامان ، ئەزەل ؛ باش - ئاخىرى يوق زامان؛
- ئەزەلىي — ئەزەلدىن بولغان ، باشلىنىشى مەلۇم بولمىغان ؛ باش - ئاخىرى بولمىغان ؛ مەڭگۈلۈك؛
- ئەزەم (ئەئزەم) — ئەڭ زور؛ كاتتا.
- ئەزەمەت — ئۇلۇغلۇق ، ئۇلۇغۋارلىق ، ھەيۋەت ، شەۋكەت ، غۇرۇر؛
- ئەزەن — يۇقارى ئاۋازبىلەن جامەگە چاقىرىش؛ نامازغا دەۋەت قىلىش.
- ئەزب — بويتاق ، ئۆيلەنمىگەن كىشى؛
- ئەزبەر — ياد ئېلىش؛ كىتابقا قارىماي يادقا ئوقۇماق؛ [ئەزبەر ئەيلەمەك، ئەزبەر قىلماق--يادلىماق]؛ [ئەزبەر ئوقۇماق-- يادقا ئوقۇماق]؛
- ئەزبەس/ئەزبەسكى — چۈنكى ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، شۇڭلاشقا؛