باش بەت
لۇغەتنى كۆرۈش
لۇغەتنى كۆرۈش
بارلىق سۆزلەر
ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
ر
ز
ژ
س
ش
غ
ف
ق
ك
گ
ل
م
ن
ھ
و
ۇ
ۆ
ۈ
ۋ
ې
ى
ي
ئەلقاب
—
؛«لەقەب»نىڭ كۆپلۈكى : لەقەملەر ، ئۇنۋانلار ، تەخەللۇسلار؛
ئەلقىسە
—
ماناشۇ؛ مانا شۇنداق قىلىپ
ئەلقىسسە
—
ناھايەت ، خۇلاسە، قىسقىسى ، شۇنداق قىلىپ ، ھېكايىمىزگە كېلەيلۇق؛ ھېكايەت؛ھېكايە؛
ئەلكاسىب
—
كەسىپ ئىگەسى؛
ئەلكاسىبۇ ھەبىبۇللاھ
—
كەسىپ ئىگەسى ئاللاھنىڭ دوستىدۇر؛
ئەلكەن
—
گاچا، كېكەچ؛
ئەلگەرمەك
—
قولدا تۇتاق ، ئېگىلمەك؛
ئەلگەك /غەلۋىر
ئەللاف
—
بۇغداينى ئالىپ ئۇن قىلىپ ساتقۇچى سودىگەر ، رەۋەندە ، ئوت - سامان سودىگىرى؛
ئەللامە/ئەللام
—
ئەڭ يېتۈك ئالىم، كاتتا ئالىم؛
ئەللامەئى كىشۋەر
—
مەملىكەتنىڭ يېتۈك ئالىمى؛
ئەللاھ
—
ئاللاھ، ئاللاھ؛
ئەللەتىف
—
مەرھەمەتلىك؛
ئەلمەل
—
ئۇلاڭ؛
ئەلمساق
—
ئاتام زامان، ئىپتىدائى زامان
ئەلمۇتەخەللىس/مۇتەخەللىس
—
تەخەللۇسلۇق؛ [ ئەلمۇتەخەللىس بىننەۋائى -- نەۋائىي تەخەللۇسلۇق]؛
ئەلمۇتەكەللىم
—
بىرىنچى شەخس ، سۆزلەگۈچى؛
ئەلمۇلەققەب
—
. . . دەپ لەقەبلەنگەن؛
ئەلمۈلۈك لەھۇ
—
شاھلىق ئۇنىڭغا تېگىشلىك ، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا مەنسۇپ؛ئۇنىڭ پادىشاھلىقى؛
ئەلمى-تەلمى
—
تېگى-تەكتى؛ شارائىت.
ئەلمىننەتۇلىللاھ
—
ئاللاھقا شۈكرى؛
ئەلھاسىل
—
گەپنىڭ خۇلاسەسى ، گەپنىڭ گۇندىسى ، قىسقىسى؛
ئەلھاق
—
؛«لەھەق»نىڭ كۆپلۈكى: ئەگەشكۈچىلەر ، ئارقىدىن ماڭغۇچىلار؛
ئەلھال
—
ھازىرغىچە ، ھازىرمۇ؛
ئالدىنقى
بەت 76 / 908
كېيىنكى