لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەلەيھىس سەلاۋات ۋەسسەلام — ئۇنىڭغا دۇئا ۋە ۋە سالام؛
- ئەلەيھىسسەلام — ئۇنىڭغا سالام؛
- ئەلەيھىم — ئۇلارغا ؛
- ئەلەيھىما — ئۇ ئىككىيلەنگە؛
- ئەلباس — ؛«لىباس»نىڭ كۆپلۈكى : كىيىملەر ، لىباسلار؛
- ئەلبۇرز — ئىراننىڭ مازەنداران ئۆلكىسىدىكى بىر تاغنىڭ ئىسمى؛
- ئەلبىسە — ؛«لىباس»نىڭ كۆپلۈكى : كىيىملەر ، لىباسلار ،ئۈستباشلار؛
- ئەلپاز — قىياپەت؛ تۇرۇق، كۆرۇنۈش،
- ئەلتاف — ؛«لۇتف»نىڭ كۆپلۈكى : مەرھەمەتلەر ، ياخشىلىقلار ، مۇلايىملىقلار ، ئىلتىپاتلار؛
- ئەلتەف — ئەڭ قىزىق ، ئەڭ خۇش ، ئەڭ ياخشى؛ ئەڭ مۇلايىم ، ئەڭ نازۇك؛
- ئەلتمەك/ئەلتماق — ئالىپ بارماق ، ئالىپ كەلمەك ؛ ئالماق؛
- ئەلتېرە — تۇغۇلۇپ ئېيىغا تولمىغان قوزىلارنىڭ تېرەسى
- ئەلچى
- ئەلچىخانا — Ambassador (ئەلچى) دېگەن سۆز بىر دەۋلەتنىڭ يەنە بىر دەۋلەتتە ياكى ئۇلۇسلارئاراسى تەشكىلاتتا ئۆزىنىڭ رەسمىي ۋەكىلى سۈپەتى
- ئەلچىلەشمەك — ئەلچى ئەۋەتىشمەك؛
- ئەلزەم — ئەڭ لازىم ، بەك زۆرۈر؛
- ئەلسىز — ئاھالە يوق ، ئاھالەسىز ، ئادەمسىز؛
- ئەلغاز — ؛«لۇغز»نىڭ كۆپلۈكى : تېپىشماقلار؛
- ئەلغەرەز — غەرەز ، مەقسەت ، نىشان ؛ خۇلاسە ، ھاسىل بولغان نەتىجە؛ گەپنىڭ قىسقىسى؛
- ئەلف — مىڭلاپ ، مىڭلارچە ؛ [ئەلف لەيلەتىن ۋە لەيلەتۇن، مىڭ بىر كېچە]؛
- ئەلفاز — ؛«لەفز»نىڭ كۆپلۈكى : سۆزلەر ، تىللار ، لەۋزىلەر؛
- ئەلفازى فەسىھ — گۈزەل سۆز ، ساز ئىبارە ، چىرايلىق گەپ؛
- ئەلفەقىرۇلھەقىر — كەمىنە - كەمتەرىن؛ ئەرزىمەس ، گاداي؛
- ئەلفىراق — ئايرىلىش؛