لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەلھان/ئىلھان — ؛«لەھن»نىڭ كۆپلۈكى : ئاۋازلار ، ناخشىلار ، سايراشلار؛كۈيلەر ، مۇزىكالار؛
- ئەلھانسەرا — ناخشاچى ، كۈيچى ، نەغمەچى؛
- ئەلھاننەماي — ناخشاچى ، كۈيچى ، نەغمەچى؛
- ئەلھەزەر — (ھەزەر قىل، ساقلان دېگەندەك مەنالاردا كېلىدىغان ئىملىق سۆز)؛ [ئەلھەزەر ئەيلەمەك -- ساقلانماق ، ھەزەر قىلماق ، چۆچۈمەك]؛
- ئەلھەق — ھەقىقەت ، توغرا ؛ توغرىسى ، ھەقىقەتەن؛
- ئەلھۆكمۇلىللاھ — ھۆكۈم قىلىش ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر ، ھۆكۈم ئاللاھنىڭ؛
- ئەلۋان — ؛«لەۋن»نىڭ كۆپلۈكى : تۈسلەر ، رەڭلەر؛
- ئەلۋاھ — ؛«لەۋھ»نىڭ كۆپلۈكى : لەۋھەلەر ، تۈز تاختىلار؛
- ئەلۋەتتە
- ئەلۋىدا — مەڭگۈلۈككە خوشلاشماق؛ ئاخىرقى خوشلىشىش سۆزى
- ئەلۋىدائ — خەيرلىشىش؛ خەير،ئەمىسە!
- ئەلىتمەك — تۇتماق، قولغا ئالماق ، باشقۇرماق؛
- ئەلىف — ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى بىرىنچى ھەرپنىڭ نامى - ئېلىپ ؛ تىك شەكىل،تىك قامەت؛ [ئەلىف كەسمەك -- بەدەنگە ياكى يۈزگە ئېلىپ شەكلىد
- ئەلىق — يەم - خەشەك؛
- ئەلىك — ؛1) قول ؛ ھايۋانلارنىڭ ئالدى پۇتى ؛ ئېلىك (ئۆلچەم بىرلىكى ). 2) ئەللىك؛
- ئەلىكلەمەك — تۇتماق ، ئىلكىگە ئالماق ، ئىگىلىمەك؛
- ئەلىگ — ئىلىك؛ قول.
- ئەلىل — ئىللەتلىك ، نۇقسانلىق ؛ كېسەل ، بىمار؛
- ئەلىم — ؛1) بىلگۈچى ، دانا ، ئالىم؛ 2)ئەلەملىك، ئەلەم قىلغۇچى؛ [ئەزابى ئەلىم -- قاتتىق ئازاب]؛
- ئەلىھەمدۇلىللا — خۇداغا شۇكرى.
- ئەلىي — مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈيۈ ئوغلى ۋە تۆتىنچى خەلىپە؛ [ زۇلفقارى ئەلىي -- ئەلىنىڭ زۇلپىقارى]؛
- ئەليەق — ئەڭ مۇناسىپ ، ئەڭ لايىق؛
- ئەم — داۋا شىپا.
- ئەم — داۋا ، ئىلاج ، شىپالىق؛ [ئەم ئوتى -- دورالىق ئوت ، دورا ئوت]؛