لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەزىقماق — ئازىقماق؛
- ئەزىم — ئۇلۇغ ، بۈيۈك ، زور ، كاتتا؛ [ئەزىم مەئبەد-- كاتتا ئىبادەتخانا]؛ (قەدىم دېگەن مەنىدىمۇ قوللىلىندۇ)؛
- ئەزىمەت — ئۇلۇغلۇق؛ كاتتا، باتۇر.
- ئەزىمەت — يولغا چىقىش ، قوزغىلىش ، مېڭىش ، كېتىش ؛ نىيەت قىلىش،ئىرادە باغلاش؛ [ئەزىمەت قىلماق، ئەزىمەت ئەيلەمەك -- كەتمەك ، ماڭماق
- ئەزىمۇششان — يۇقارى مەرتىۋەلىك ، يۇقارى دەرەجەلىك؛
- ئەزىمۇل جۇسسە — غايەت زور گەۋدىلىك ، قامەتلىك ، زور تىپتىكى؛
- ئەزىيەت — جاپا-مۇشەققەت.
- ئەزىييات — ؛«ئەزىييەت» نىڭ كۆپلۈكى: ئارازلار، ئازاب-ئۇقۇبەتلەر؛
- ئەژدەر ئاسا — ئەجدىھاغا ئوخشاش؛
- ئەژدەھا كۇش — ئەجدىھا ئۆلتۈرگۈچى؛ قورقماس ، باتۇر؛
- ئەسئەب — ئەڭ قىيىن ، ئىنتايىن قىيىن ، ئەڭ مۈشكۈل؛
- ئەسئەت — ئىنتايىن بەختىيار.
- ئەسئەد — ئەڭ بەختلىك ، ئىنتايىن بەختىيار؛
- ئەسا — ھاسا ، تاياق ؛
- ئەساپقۇر — قوينىڭ دولا سۆڭىكى ؛
- ئەساتىر — ؛«ئۇستۇرە» نىڭ كۆپلۈكى : رىۋايەتلەر ، چۆچەكلەر،ئەپسانەلەر؛
- ئەسارەت — ئەسىرلىك ، تۇتقۇنلۇق ، قۇللۇق ، ئاسارەت؛
- ئەساس — ؛1) ئۆي جابدۇقلىرى ، مۈلۈك؛ 2) ئاساس ، تۈپ ، نېگىز ؛ قائىدە ، تەرتىپ؛
- ئەساسى مىھمان — مېھماندارچىلىق قائىدىلىرى ۋە لازىملىقلىرى؛
- ئەساسىي — تۈپكى ، يىلتىزدىكى ، ئاساسىي؛
- ئەساغىر — ؛«ئەسغەر» نىڭ كۆپلۈكى : كىچىكلەر ، گۆدەكلەر؛
- ئەسافىل — ؛«ئەسفەل» نىڭ كۆپلۈكى : ئەڭ تۆۋەنلەر ، ئەڭ پەسلەر ،ئەڭ تۆۋەن تەبىقەگە مەنسۇپ كىشىلەر؛
- ئەساكەش — ھاسىغا تايانغۇچى ، ھاسىلىق؛ تاياق بىلەن يېتىلىگۈچى؛
- ئەساكىر — ؛«ئەسكەر»نىڭ كۆپلۈكى: ئەسكەرلەر ، قوشۇن ، لەشكەر؛