لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەزگۈ — ياخشى، ئوبدان؛
- ئەزگۈلەنمەك — ياخشى بولماق ، بەختلىك بولماق ، شەپقەتلىك بولماق؛
- ئەزگۈلۈك — ياخشىلىق ، بەخت ؛ شەپقەت؛
- ئەزل — بوشىتىش، مەنسەپتىن چۈشۈرۈش؛ [ئەزل ئەيلەمەك،ئەزل ئەتمەك، ئەزل قىلماق-- بوشاتماق، مەنسەپتىن چۈشۈرمەك]؛
- ئەزلۇفەۋت — چەتلىتىش ۋە ئۆلتۈرۈش ، ئەمىلىىنىمۇ،جانىنىمۇ ئېلىش؛
- ئەزم — قەست قىلماق؛ مەقسەت قىلماق؛ ماڭماق.
- ئەزم — ؛1) سۆڭەك؛ 2) نىيەتلىنىش ، ئىنتىلىش ؛ يۈرۈش ، مېڭىش ، جۆتەش؛[ئەزم ئەتمەك، ئەزم ئەيلەمەك-- بىرەر ئىشقا نىيەتلەنمەك، تۇتۇش
- ئەزمى تەسبىھۇ مۇسەللا قىلماق — تەسۋى بىلەن جەينامازغا ئىنتىلمەك؛
- ئەزمى راھ — يولغا چىقىش؛
- ئەزمى رەمىم — چىرىگەن سۆڭەك؛
- ئەزمى سەما — ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈش؛
- ئەزمى سەيد — ئوۋغا چىقىش؛
- ئەزمى ۋەتەن — ۋەتەنگە قايتىش؛
- ئەزمىنە — ؛«زەمان»نىڭ كۆپلۈكى: زامانلار،ئەسىرلەر؛
- ئەزھا — قۇربانلىق؛قۇربان؛ [ ئېيدى ئەزھا-- قۇربان ھېيت]؛
- ئەزھار — ؛«زەھر» نىڭ كۆپلۈكى: چېچەكلەر ، گۈللەر؛
- ئەزھان — ؛« زېھىن» نىڭ كۆپلۈكى : زېھىنلەر ، پەم - پاراسەتلەر؛
- ئەزھەر — ئەڭ ئوچۇق ، ئىنتايىن روشەن ، ئەڭ پارلاق؛
- ئەزۇبەت — شىرىنلىك، تاتلىقلىق؛
- ئەزۋاج — ؛«زەۋج»نىڭ كۆپلۈكى: جۈپلەر ، ئەر - خوتۇنلار؛
- ئەزۋاق — ؛«زەۋق»نىڭ كۆپلۈكى : زوقلار ، سۆيۈنۈشلەر؛
- ئەزىتماق — ئازىتماق؛
- ئەزىز — ئىززەت ئىگەسى؛ مۆھتەرەم؛ مۇبارەك.
- ئەزىز — ئەزىز ، قەدىرلىك ، قىممەتلىك ، ھۆرمەتلىك ، سۆيۈملۈك ؛ شەرەپلىك ،ئالىيجاناب ؛ ئۇلۇغ،يۈكسەك ، نادىر ، كۈچلۈك؛